عن عقبة بن عامر رضي الله عنه مرفوعاً: «إن أحَقَّ الشُّروط أن تُوفُوا به: ما استحللتم به الفروج».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم شەرتلەر: سىلەر بۇ ئارقىلىق ئەۋرەتلەرنى ھالال قىلغىنىڭلاردۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەر- خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ بىرقانچە مۇراد - مەقسەتلىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپكە بەزى شەرتلەرنى قويۇپ، ئۇنى چىڭ تۇتىدۇ ۋە ئۇنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ شەرتلەر (نىكاھنىڭ شەرىئەتتىكى ئەسلى مەقسىتىگە زىت كەلمىسىلا) نىكاھنىڭ تەلەپلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى نىكاھتا قىلىنغان شەرتلەرنىڭ ھۆرمىتى كاتتا، ۋاجىپلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى ئۇ نىكاھ بىلەن بۇ ئادەم ئۆزىگە ئەسلى ھارام بولغان بىر ئەۋرەتتىن ھۇزۇرلىنىشنى ھالال قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھېكمەتلىك ئادىل شەرىئەت ئاشۇ شەرتلەرگە ئەمەل قىلىشقا ئۈندەپ دېدىكى: شەرتلەرنىڭ ئىچىدە ۋاپا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئەڭ ئەۋزەل شەرت؛ ئۇنىڭ بىلەن ئەۋرەت ھالال قىلىنغان ۋە ئۇ سەۋەبلىك مىھرى ھەققى سەرپ قىلىنغاندۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ