عن عبد الله بن مسعود رضي الله عنه قال:
عَلَّمَنَا رَسُوْلُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ خُطْبَةَ الحَاجَةِ: إِنَّ الحَمْدَ للهِ، نَسْتَعِيْنُهُ وَنَسْتَغْفِرُهُ، وَنَعُوْذُ بِهِ مِنْ شُرُوْرِ أَنْفُسِنَا، مَنْ يَهْدِ اللهُ فَلَا مُضِلَّ لَهُ، وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَا هَادِيَ لَهُ، وَأَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا الله، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُوْلُهُ، {يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ والأرحام إن الله كان عليكم رقيبا} [النساء: 1]، {يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ} [آل عمران: 102]، {يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا (70) يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا} [الأحزاب:70 - 71].
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه والنسائي وأحمد] - [سنن أبي داود: 2118]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھاجەت خۇتبىسىنى تەلىم بەردى: «بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز، خاتالىقلىرىمىزغا كەچۈرۈم سورايمىز، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھليق تېلەيمىز، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچ كىم ئازدۇرىۋېتەلمەيدۇ، ئاللاھ توغرا يولغا باشلىمىغان كىشىنى ھېچ كىم توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن». ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ والأرحام إن الله كان عليكم رقيبا﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر». [سۈرە نىسا 1-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار.» [سۈرە ئال ئىمران 102-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا ، يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا﴾تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 70-71-ئايەتلەر].
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - - [سۈنەن ئەبۇ داۋۇد - 2118]
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە ھاجەت خۇتبىسىنى تەلىم بەرگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ھاجەت خۇتبىسىدىكى ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى سۆزنى باشلىغاندا ئېيتىدىغان سۆزلەردىن ئىبارەتتۇر، بۇ نىكاھ خۇتبىسى ۋە جۇمە خۇتبىسى قاتارلىق خۇتبىلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ خۇتبە مەدھىيەنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە ئاللاھنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان يالغۇز ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىش، گۇناھلارنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئەپۇ قېلىۋېتىشنى سوراش، نەپسىنىڭ يامانلىقى ئۇنىڭ غەيرىدىكى تۈرلۈك يامانلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا مەقسەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىدايەتنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچ كىم ئازدۇرالمايدىغانلىقىنى، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى ھېچ كىشىنىڭ توغرا يولغا باشلىيالمايدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋھىد كەلىمىسىنى زىكىر قىلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئەلچىلىك شاھادىتى بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.
بۇ خۇتبىنى مۇشۇ ئۈچ ئايەت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، بۇ ئۈچ ئايەت ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ بۇيرىقىنى ئادا قىلىش، چەكلىمىسىدىن يېنىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى توغرىلاپ ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قىلىنىدۇ، گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دۇنيادا ئېسىل ھاياتتا ياشايدۇ، قىيامەت كۈنىدە جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ.