عن علي رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «لَعَنَ اللهُ المُحَلِّل، والمُحَلَّلَ له».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ ھالاللاپ بەرگۈچىگە ۋە ھالاللاتقۇچىغا لەنەت قىلدى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال ئىلگىرىكى ئېرىگە تاكى ئۇ ئايالنى باشقا بىر ئەر نىكاھىغا ئېلىپ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە بولغانغا قەدەر ھالال بولمايدۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ھىيلە-نەيرەڭ ئىزدەشكە ئۇرۇنۇپ، باشقا بىر ئەر بىلەن بۇ ئايالنى شەكىل جەھەتتە نىكاھىغا ئالغاندىن كىيىن قويىۋېتىشنى شەرت قىلىپ پۈتۈشىدۇ، بۇ شەرئى نىكاھنى مەقسىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئايالنى ئىلگىرىكى ئەرگە ھالاللاش غەرىزى بىلەن بولىدۇ، بۇ قىلمىشتا شەرىئەتكە ھىلە-مىكىر ئىشلىتىش، پەسكەشلىك ۋە غورۇر ۋە ئەركەكلىكنى چۈشۈرگەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نىكاھنى ھارام قىلىپ، ھاللاللىغۇچى ۋە ھالاللاتقۇچىنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىشى ۋە قوغلىنىشىغا دۇئا قىلغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ