عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «كل أُمتي مُعَافًى إلا المُجاهرين، وإنَّ من المُجَاهرة أن يعملَ الرجلُ بالليل عملًا، ثم يُصْبِح وقد سَتره الله عليه، فيقول: يا فلان، عَمِلت البَارحة كذا وكذا، وقد بَات يَسْتُره ربه، ويُصبح يَكشف سِتْرَ الله عنه».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۈممىتىمدىن ئاشكارىلىغۇچىلاردىن باشقا ھەر قاندىقى سالامەت قالىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بىر كىشى كېچىدە بىر ئىشنى قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئۇ تاڭ ئاتقاندا: ئى پالانى، مەن كېچىدە مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم، دېگەنلىكى ئاشكارىلىغانلىقتۇر، كىچىدە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئۇ تاڭ ئاتقاندا ئاللاھ ياپقاننى ئاچىدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
كېچىدە بىرەر خاتالىقنى سادىر قىلىپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى يوشۇرسا، تاڭ ئاتقاندا ئۇنى كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ، ئۆزىنى رەسۋا قىلغان كىشىدىن باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ سالامەت قىلىدۇ