+ -

عن جابر بن عبدالله رضي الله عنهما مرفوعاً: «إن من أحبكم إلي وأقربكم مني مجلساً يوم القيامة أحاسنكم أخلاقاً، وإن أبغضكم إلي وأبعدكم مني يوم القيامة الثرثارون والمتشدقون والمتفيهقون» قالوا: يا رسول الله قد علمنا «الثرثارون والمتشدقون»، فما المتفيهقون؟ قال: «المتكبرون».
[صحيح] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىن ۋە سۆيۈملۈكرەكىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلاردۇر، قىيامەت كۈنى مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراقراقىڭلار كۆپ سۆزلەيدىغان، قالايمىقان گەپ قىلىدىغان، چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر، دېدى. بىز ئى رەسۇلۇللاھ! «الثرثارون والمتشدقون»نى بىلدۇق، «المتفيهقون» دېگەن كىملەر دېگەندە، ئۇلار چوڭچى، ھاكاۋۇر كىشىلەر، دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «إن من أحبكم» دېگەن سۆزىدىكى «من» نىڭ مەنىسى "بەزى" مەنىسىدە. يەنى قىيامەت كۈنىدە ماڭا يېقىن تۇرىدىغان ۋە مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن ۋە بەندىلەر بىلەن گۈزەل ئەخلاقتا بولغانلاردۇر. ئاخىردىكى «من» مۇ بەزى دېگەن مەنىدە، يەنى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئەڭ ئۆچ كۆرىلىدىغان، مەندىن قىيامەتتە يىراق تۇرىدىغانلار زورلاپ كۆپ سۆزلەيدىغانلار، پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرگە چوڭچۇلۇق قىلىدىغانلار، باشقىلاردىن ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ئارتۇقچۇلۇقىنى نامايەن قىلىدىغانلار

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ