عن أبي ذر رضي الله عنه قال: قال لي النبي صلى الله عليه وسلم:
«لَا تَحْقِرَنَّ مِنَ الْمَعْرُوفِ شَيْئًا، وَلَوْ أَنْ تَلْقَى أَخَاكَ بِوَجْهٍ طَلْقٍ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن:
«ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشىلىق گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇنى تۆۋەن كۆرمەسلىككە رىغبەتلەندۈردى. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا ئوچۇق*-چېراي، خۇش- تەبەسسۇم بىلەن قاراشمۇ ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن ئۈلپەتلىشىش ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىشى كېرەك.