عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: لعن رسول الله صلى الله عليه وسلم الرجل يلبس لِبْسَةَ المرأة، والمرأة تلبس لِبْسَةَ الرجل.
[صحيح] - [رواه النسائي في الكبرى، وابن ماجه بمعناه، وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالچە كىيىم كىيىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرەنچە كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەرلەردىن ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلار شۇنىڭدەك ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىنغانلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر قايسىسىنى ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان تەبىئەت، ئالاھىدىلىك بىلەن ياراتتى. ئەرلەرنىڭ تەبىئىتى يارىتىلىش، مىجەز-خۇلۇق، كۈچ-قۇۋۋەت، دىن ۋە ئىجتىمائى ئىشلاردا ئاياللاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئاياللارمۇ كۆپ تەرەپلەردە ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، ھەر قانداق بىر شەخس ئەرلەرنى ئاياللارغا ياكى ئاياللارنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىلىشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە قانۇنىغا قارشى چىققان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يارىتىش ۋە ئۇلارغا قانۇن بەلگىلەشتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تېكستتە لەنەت ئېيتىشتىن ئىبارەت بولغان قاتتىق ئازاب بايان قىلىنغان. لەنەت بولسا: ئەرنىڭ ئايالغا ۋە ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يېراق بولۇشى ۋە قوغلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ