عن أبي سعيد رضي الله عنه : أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «لا يَنظر الرَّجُل إلى عَوْرَة الرجل، ولا المرأة ُإلى عَوْرَة المرأة،ِ ولا يُفْضِي الرَّجُلُ إلى الرَّجُل في ثوب واحد، ولا تُفْضِي المرأةُ إلى المرأةِ في الثوب الواحد».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ، ئەر ئەرگە بىر يىپىنچا ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ، ئايالمۇ ئايالغا بىر كىيىم ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىندى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەر يەنە بىر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ، ئايال ھەم ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ. بۇ ئەر-ئاياللارنى باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراشتىن چەكلەشدۇر. ناۋادا: بىر ئايال دوختۇرخانىدا ئايال دوختۇرنىڭ يېنىدا، ھەمشىرىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، داۋالىنىش ئۈچۈن ئەۋرىتىنى ئېچىشى زۆرۈر بولۇپ قالسا، ھەمشىرىسى ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ، ياكى شامال ۋە باشقا سەۋەبلىك ئايال كىشى ئېچىلىپ قالسا، يەنە بىر ئايال كىندىك بىلەن تىز ئارىسىغا قارىسا بولمايدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى تىزىدىن كىندىكىگىچە بولىدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى ئىھتىياجلىقتىن ياكى مەقسەتسىز ئېچىلسا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى توغرا ئەمەس، تاساددىپى ئەۋرەتكە كۆزى چۈشۈپ قالغان تەقدىردە دەرھال نەزىرىنى تارتىپ، قايتا قارىماسلىقى كېرەك. «ئەر ئەرگە بىر رەخ ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ، ئايالمۇ ئايالغا بىر كىيىم ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ»، مەنىسى: بىر-بىرىنىڭ يالىڭاچ بەدەنلىرى بىرلا رەخت ئىچىدە تېگىشمىسۇن، چۈنكى بىرىنىڭ تېرىسى يەنە بىرىگە تەككەندە ھەر بىرىنىڭ ئەۋرىتى يەنە بىرىگە تېگىدۇ، ئەۋرەتنىڭ تېگىشى ئۇنىڭغا قارىغانغا ئوخشاش، بەلكى ھارام بولۇشتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر دەلىل بولغاچقا بۇ ھۆكۈملەردە ئەر-ئاياللار ئوخشاش. مۇسلىمنىڭ شەرھىسى ئىكمال ئەلمۇئلىم ۋە رىيازۇس سالىھىيننىڭ شەرھىسىدىن پايدىلىنىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ