عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «صِنْفَان من أهل النار لم أَرَهُما: قوم معهم سِيَاط كَأذْنَابِ البَقر يضربون بها الناس، ونساء كاسِيَات عاريات مُمِيَلات مَائِلات، رُؤُوسُهُنَّ كَأَسْنِمَةِ البُخْتِ المائِلة لا يَدْخُلْن الجَنَّة، ولا يَجِدْن ريحها، وإن ريحها ليُوجَد من مَسِيرة كذا وكذا».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى پاكىزە بىر دەۋر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز دەۋرىدە كۆرمىگەن، بەلكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن كېيىن پەيدا بولغان، بۇ ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈچلەندۈرگەن مۆجىزاتلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بىرى: «ئۇلاردا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك قامچىلار بار، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر»، ئالىملار: ئاشۇ كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ناھەق ئۇرىدىغانلار بولسا ساقچىلاردۇر، يەنى ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ناھەق ئۇرىدىغان ئۇزۇن قامچا دېدى. يەنە بىرى: «يالىڭاچتەك كىيىم كەيگەن، ئۆزلىرىمۇ ئېزىپ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغان ئاياللار»، مەنىسى: ئەمەلىيەتتە كىيىم كەيگەن بولسىمۇ، تەقۋادارلىق تەرەپتىن يالىڭاچ دېيىلدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «تەقۋادارلىق كىيىمى ياخشى كىيىمدۇر» دېدى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ھەدىس تار، نېپىز كىيىملەرنى كەيگەن بارلىق پاسىق ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى كىيىمدىن مەقسەت تەقۋالىقتىن خالىي بولغان نېپىز سىرتقى كىيىمدۇر، چۈنكى تەقۋالىقتىن خالىي بولغان كىيىم، ئاللاھ تائالا: «تەقۋادارلىق كىيىمى ياخشى كىيىمدۇر» دېگەندەك، يالىڭاچلىقتۇر. دېيىلىشچە: كىيىم كەيگەندەك يالىڭاچ دېگەنلىك، يەنى ئەمەلىيەتتە كىيىم كەيسىمۇ، ئۇ كىيىم تار ياكى نېپىز ياكى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن بەدەننى تولۇق ئورىيالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق شەكىلدىكى كىيىم كەيگەن ئاياللار كىيىم كەيگەن يالىڭاچ ئاياللار دېيىلىدۇ، «ئۆزلىرىمۇ ئېزىپ كەتكەن» ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تەپسىرلىگەندەك، يەنى چاچلىرىنى بىر تەرەپكە تارىۋالغان، ئۇلار چاچلىرىنى بىر تەرەپكە قىلىپ تارىۋالغانلىقى بۇ ئېزىشتىندۇر، چۈنكى چاچلىرىنى بىر تەرەپكە قىلىپ تارىۋىلىش، خۇسۇسەن بىزدىكى بۇ ئېزىش كاپىر ئاياللاردىن كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ ساقلىسۇن! بەزى مۇسۇلمان ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سىنالدى، چاچنى بىر تەرەپكە تارىۋىلىش ئېزىپ كەتكەن ئاياللارنى پەرقلەندۈرىدىغان نەرسە بولۇپ قالدى. باشقىلارنى مايىل قىلىدىغان يەنى يېرىم-يالىڭاچ كىيىنىپ، خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنى ئېزىقتۇرىدىغان ئاياللارمۇ دېيلدى، بۇ تېكىست ھەر ئىككى مەنانى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى قائىدە تېكىست ئىككى خىل مەنا بېرىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئىككىسىنىڭ بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىل بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بىردەك ھەر ئىككى مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ يەردە ئىككى مەنانىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈشتىن چەكلەيدىغان ئامىلمۇ يوق ۋە بىر-بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىلمۇ يوق، شۇڭلاشقا ھەر ئىككى مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ باشقىلارنى ئازدۇرغۇچى دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: يەنى ھەقتىن چەتنەپ كەتكەن، ئىپپەت-ھايانى چۆرۈپ تاشلاپ، كوچىلاردا ئەرلەردەك گۈرسۈلدەپ ماڭىدىغان، ھەتتا بەزى ئەرلەرمۇ بۇنداق ماڭالمايدىغان، لېكىن ئۇلار پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئەسكەردەك ماڭىدىغان، بۇنىڭغىمۇ پەرۋا قىلماستىن، دوستلىرىغا كۈلۈپ، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىپ پىتنە قوزغايدىغان ئاياللار بولۇپ، شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە دۇكانلارنىڭ ئالدىدا دۇكاندارلار بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلىشسا ئۇنىڭ بىلەن كۈلۈشۈپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك بۇزۇقچىلىقلارغا ۋە خاپىلىقلارغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۇلار ھەقتىن چەتنەپ كەتكۈچىلەردۇر، ئاللاھتىن بىزنى بۇنىڭدىن ساقلىشىنى سورايمىز. «باشلىرىدىكى چاچلىرى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئاياللار»، لوكىسى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئوڭ تەرەپ ۋە سول تەرەپكە ئېغاڭلىتىدىغان تۆگىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاياللارمۇ بېشىنىڭ چېچىنى ئېگىز قىلىپ، تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ئوڭ-سول تەرەپكە ئېغاڭلىتىپ ماڭىدۇ. بەزى ئالىملار: ئايال كىشى چېچىنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرنىڭ سەللىسىدەك يۆگەكلەرنى قويۇپ، ياغلىقىنى ئېگىز قىلىپ ماڭىدۇ، بۇ خۇددى لوكىسى ئۇزۇن تۆگىگە ئوخشايدۇ دېيىشتى. ھەممە خىل ئەھۋالدا بېشىنى ۋە چېچىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، باشقىلارنى يولدىن ئازدۇرىدىغان ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ ۋە جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ تاپالمايدۇ، ئاللاھ بىلەن پاناھلىق تىلەيمىز، يەنى ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ ۋە جەننەتكە يېقىنلىشالمايدۇ، ئەلۋەتتە جەننەت پۇرىقى يەتمىش يىللىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېراقراق جايدىن ھېدلىنىدىغان تۇرۇپ، بۇنداق ئايال جەننەتكە يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ ساقلىسۇن! چۈنكى ئۇ ئايال توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن، كىيىم كەيگەندەك يالىڭاچ، ھەقتىن چەتنەپ كەتكەن، بېشىنى ئېغاڭلىتىپ، باشقىلارنى پىتنە ۋە زىننەتلىنىشكە چاقىرىدىغان ئايالدۇر. (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار). مىرقات ئەلمەپاتىھ 6 - توم 2302 -بەت، ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ رىيازۇسسالىھىيننىڭ شەرھىسى 6 -توم 372-بەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ