عن عبد الله بن جعفر رضي الله عنهما : أن النبي صلى الله عليه وسلم أمهل آل جعفر ثلاثا، ثم أتاهم، فقال: «لا تبكوا على أخي بعد اليوم» ثم قال: «ادعوا لي بني أخي» فجيء بنا كأننا أفْرُخٌ فقال: «ادعوا لي الحلاق» فأمره، فحلق رؤوسنا».
[صحيح] - [رواه أبو داود والنسائي الكبرى وأحمد]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جەئفەرنىڭ شېھىت بولغانلىق خەۋىرى كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «بۈگۈندىن كېيىن قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار» دەپ ئاندىن: «ماڭا قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭلار» دېدى، بىز خۇددى بىچارە باچكىلاردەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماڭا ساتىراچ چاقىرىپ بېرىڭلار» دەپ ساتىراچقا بۇيرۇپ، چاچلىرىمىزنى چۈشۈرگۈزىۋەتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەئفەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇتە ئۇرىشىدا شەھىد بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى قايغۇلىرىنى كەتكۈزۈۋىتىش ئۈچۈن، تىنىچلىنىۋىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى، ئاندىن ئۇلارغا: «بۈگۈندىن كېيىن قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار» دېدى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇلارنى يىغلاشتىن چەكلىدى، چۈنكى مۇسىبەتكە دۇچ كېلىش ۋە قايغۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ ۋە داۋاملاشمايدۇ، بۇ يەردىكى چەكلىمە ھارام ئەمەس، بەلكى يەڭگىل چەكلىمە ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بەرمىسە ئۈچ كۈندىن كېيىنمۇ يىغلىسا بولىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ماڭا قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭلار»دېدى، ئۇلار جەپەرنىڭ ئابدۇللاھ، مۇھەممەد ۋە ئەۋىپ قاتارلىق بالىلىرى ئىدى. ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز خۇددى بىچارە باچكۇلاردەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدۇق، يەنى ئۇلار دادىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش بىلەن يەتكەن قايغۇ-ئەلەم بىلەن شۇنداق ھالغا كىلىپ قالغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماڭا ساتىراچ چاقىرىپ بېرىڭلار» دەپ ساتىراچقا بۇيرۇپ، بىزنىڭ چاچلىرىمىزنى چۈشۈرگۈزىۋەتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاپىسى ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا يولدىشى ئاللاھ يولىدا شەھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ مۇسىبەتتە ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ چاچلىرىنىڭ كىرلىشىپ، پىتلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا كۆيۈنۈپ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، ئۇلارنىڭ چېچىنى ئالدۇرىۋىتىش ئۇلارغا پايدىلىق بولدى، شۇنداقلا مۇسىبەت ئىشى بىلەن ئۇلارنىڭ چېچىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەن ئاپىسىغىمۇ ئاراملىق بولدى، ئاگاھلاندۇرۇش: ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسىبەت يەتكەن ۋاقىتتا چاچنى ئالدۇرۇش توغرا بولمايدۇ.سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇسىبەت يەتكەندە چېچىنى ئالدۇرىۋەتكەن، كىيىمىنى يىرتقان ۋە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىغانلارغا لەنەت قىلغان»، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بالىلىرىنىڭ چېچىنى ئالدۇرىۋىتىش بولسا ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن بولغان مەقسەت، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، ئۇ بالىلارنىڭ ئانىسى ئۇلارنىڭ چاچلىرىغا كۆيۈنۈپ تاراپ قىلىدىغان ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالماي قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ باشلىرىنىڭ پىتلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، چېچىنى ئالدۇرېۋىتىشكە بۇيرىغان، چاچ ئالدۇرۇشنىڭ مۇسىبەتكە تەسىرى بولمايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ