عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ:
أَنَّ أَعْرَابِيًّا أَتَى النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَقَالَ: دُلَّنِي عَلَى عَمَلٍ إِذَا عَمِلْتُهُ دَخَلْتُ الجَنَّةَ، قَالَ: «تَعْبُدُ اللَّهَ لاَ تُشْرِكُ بِهِ شَيْئًا، وَتُقِيمُ الصَّلاَةَ المَكْتُوبَةَ، وَتُؤَدِّي الزَّكَاةَ المَفْرُوضَةَ، وَتَصُومُ رَمَضَانَ» قَالَ: وَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ لاَ أَزِيدُ عَلَى هَذَا، فَلَمَّا وَلَّى قَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «مَنْ سَرَّهُ أَنْ يَنْظُرَ إِلَى رَجُلٍ مِنْ أَهْلِ الجَنَّةِ، فَلْيَنْظُرْ إِلَى هَذَا».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مېنى ئەمەل قىلسام جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغىن، پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغىن، ماللىرىڭنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلغىن، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتقىن» دېدى، ئۇ كىشى: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! بۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمايمەن دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراش بىلەن خۇرسەن بولىدىغان كىشى بۇ كىشىگە قارىسۇن»دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

سەھرالىق بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ جەننەتكە كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا يېتەكلەپ قويۇشنى سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جاۋاپ بېرىپ: جەننەتكە كېرىش ۋە دوزاختىن قۇرتۇلۇش: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن يەككە-يىگانە دەپ ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئىسلام ئاساسلىرىنى ئادا قىلىشقا توختىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاللاھ تائالا بەندىسىگە بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىشنى پەرز قىلغان بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇش. ئاللاھ تائالا مېلىڭىزدىن ئادا قىلىشقا بۇيرىغان زاكاتنى ھەقلىق بولغانلارغا تولۇق بېرىش. رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى ۋاقتىدا تولۇق تۇتۇش. ئۇ كىشى: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلىدىن ئاڭلىغان پەرز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىمەن، ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى زىيادىمۇ قىلمايمەن ۋە ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى كېمەيتمەيمەن دېدى. ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراش بىلەن خۇرسەن بولىدىغان كىشى بۇ سەھرالىق كىشىگە قارىسۇن»دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتا تۇنجى باشلايدىغان ئىش: ئاللاھ تائالانى يەككە-يىگانە دەپ ئىبادەتنى يالغۇز بىر ئاللاھقا قىلىشتۇر.
  2. يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشىگە پەرز بولغان ئەمەللەرنى قىلىشنىلا تەلىم بېرىش بىلەن كۇپايە قىلىش.
  3. ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتا دەۋەتنى ۋە قىلىدىغان ئەمەلنى تەدرىجى قىلىش.
  4. ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى ئىشلىرىنى بىلىشكە ھېرىسمەن بولۇش.
  5. ئىنسان پەقەت پەرز بولغان ئەمەللەرنى ئادا قىلسا ئۇتۇق قازىنىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن باشقا سۈننەت-نەپلە ئەمەللەرگە سەل قاراش كېرەك دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، چۈنكى نەپلە ئەمەللەر بىلەن پەرز ئەمەللەرنىڭ كام قالغان جايلىرى تولۇقلىنىدۇ.
  6. بەزى ئىبادەتلەرنى ئايرىپ سۆزلەش بولسا ئۇ ئىبادەتلەرنىڭ مۇھىم بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا رىغنەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقىسى ۋاجىپ ئەمەس دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ