عن أنس بن مالك رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«إِنَّ اللهَ لَيَرْضَى عَنِ الْعَبْدِ أَنْ يَأْكُلَ الْأَكْلَةَ فَيَحْمَدَهُ عَلَيْهَا، أَوْ يَشْرَبَ الشَّرْبَةَ فَيَحْمَدَهُ عَلَيْهَا».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2734]
المزيــد ...

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يېمەكلىك يەپ ياكى ئىچىملىك ئېچىپ ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقان بەندىسىدىن ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2734]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان ئىشلاردىن؛ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە ۋە پەزىلەتلىرىگە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىش. يېمەك يېگەندىن كېيىن ئەلھەمدۇ لىللاھ دېيىش. ئېچىملىك ئېچكەندىن كېيىن ئەلھەمدۇ لىللاھ دېيىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالانىڭ ئېسىللىكى ۋە سېخىلىقىدىن: بەندىسىگە رىزىق ئاتا قىلىپ بەندە ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە رازى بولىدىغانلىقى.
  2. يېمىك-ئېچمەكتىن كېيىن ھەمدە ئېيتقانغا ئوخشاش ئاسان سەۋەپلەر بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى.
  3. يېمەك-ئېچمەكنىڭ ئەدەپلىرىدىن: يېمەك-ئېچمەكتىن كېيىن ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (63)
تېخىمۇ كۆپ