عن عمر بن أبي سلمة قال: كنتُ غُلاما في حَجْرِ رسول الله صلى الله عليه وسلم ، وكانتْ يَدِي تَطِيشُ في الصَّحْفَة، فقالَ لِي رسول الله صلى الله عليه وسلم : «يا غُلامُ، سمِّ اَلله، وكُلْ بِيَمِينِك، وكُلْ ممَّا يَلِيكَ» فما زَالَتْ تِلك طِعْمَتِي بَعْدُ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۆمەر ئىبنى ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەربىيىسىدىكى بالا ئىدىم، قولۇم لېگەندە پىقىرايتى، رەسۇلۇللاھ ماڭا: ئى ئوغلۇم، «بىسمىللاھ» دەپ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن ۋە ئالدىڭدىن يېگىن، دېدى. شۇنىڭدىن كىيىن تاماقنى ئەشۇ ئۇسۇلدا يەپ كەلدىم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئۆمەر ئىبنى ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بالىسى ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئىدى، بۇ ھەدىستە ئۇ تاماق يېگەندە ئىككى قولى تاماقنى تاللاپ يېيىش ئۈچۈن لېگەننىڭ ھەر تەرەپلىرىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ئۆزىگە تاماق يېيىش ئەدەپلىرىدىن ئۈچنى ئۈگەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، بىرىنچىسى: تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى «بىسمىللاھ» دېيىش، ئىككىنچىسى: ئوڭ قول بىلەن يېيىش، ئۈچۈنچىسى: ئالدىدىن يېيىش، چۈنكى باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى تاماقنى يېيىش ئەخلاقسىزلىق. ئۆلىمالار بۇ ھەقتە: تاماق كاۋا، چەيزە، گۆش ۋە باشقا تۈرلۈك نەرسىلەردىن پىشۇرۇلغان بولسا ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن ئېلىپ يىسە بولىدۇ، يەنە يالغۇز تاماق يېگەندە باشقىلارغا ئازار بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن قايسى تەرەپتىن يېسە بولىدۇ، دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ