عن ابن عمر رضي الله عنهما أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«إِذَا أَكَلَ أَحَدُكُمْ فَلْيَأْكُلْ بِيَمِينِهِ، وَإِذَا شَرِبَ فَلْيَشْرَبْ بِيَمِينِهِ، فَإِنَّ الشَّيْطَانَ يَأْكُلُ بِشِمَالِهِ، وَيَشْرَبُ بِشِمَالِهِ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2020]
المزيــد ...

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار يېمەك يېسە ئوڭ قولىدا يېسۇن، ئېچىملىك ئىچسە ئوڭ قولى بىلەن ئىچسۇن، ھەقىقەتەن شەيتان سول قولىدا يەيدۇ ۋە سول قولىدا ئېچىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2020]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان كىشىنى ئوڭ قولىدا يېيىش ۋە ئېچىشكە بۇيرىدى، شەيتان سول قولىدا يەپ ئىچكەنلىكى ئۈچۈن، سول قولىدا يېيىش ۋە ئېچىشتىن چەكلىدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. سول قولىدا يېيىش ۋە ئېچىش ئارقىلىق شەيتانغا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلەش.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (58)
تېخىمۇ كۆپ