عن عائشة رضي الله عنها زوج النبي صلى الله عليه وسلم عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«إِنَّ الرِّفْقَ لَا يَكُونُ فِي شَيْءٍ إِلَّا زَانَهُ، وَلَا يُنْزَعُ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا شَانَهُ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆز-ھەرىكەتلەردە مۇلايىملىق، سېلىقلىق، تەمكىنلىك بولسا، بۇ ئىش ناھايتى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە چېرايلىق بولىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.
مۇلايىملىق ۋە سېلىقلىق بولمىغان ئىشلارنىڭ ئەيىپلىك، كۆرۈمسىز بولىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغانلىقى، گەرچە تاپسىمۇ بەك قېيىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇلايىملىق بىلەن ئەخلاقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  2. مۇلايىملىق كىشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئۇ دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدىكى ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ