عن عائشة رضي الله عنها قالت: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«إنَّ المُؤْمِنَ ليُدرِكُ بِحُسْنِ خُلُقِهِ دَرَجَةَ الصَّائِمِ القَائِمِ».

[صحيح بشواهده] - [رواه أبو داود وأحمد] - [سنن أبي داود: 4798]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«مۇئ‍مىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ».

[ھەدىس نەقىل ئېلىنغان باشقا شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ] - [رواه أبو داود وأحمد] - [سۈنەن ئەبۇ داۋۇد - 4798]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام گۈزەل ئەخلاق ساھىبىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن دائىم كۈندۈزدە روزا تۇتۇپ، كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۇغلانمىسى دېگەن: ياخشىلىق قىلىش، چېرايلىق سۆز قىلىش، ئوچۇق چېراي بولۇش، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزمەسلىك ۋە كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبرى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىسلامنىڭ ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھنىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  2. گۈزەل ئەخلاقنىڭ پەزىلىتىدىن بەندە ئۇنىڭ بىلەن چارچاپ قالماي روزا تۇتىدىغان ۋە ھېرىپ قالماي كېچىدە قىيامدا تۇرىدىغان كىشىنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ.
  3. كۈندۈزدە روزا تۇتۇش ۋە كېچىدە قىيامدا تۇرۇش بولسا ئىنسانغا ئېغىر كېلىدىغان بۈيۈك ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، گۈزەل ئەخلاق ساھىبى ئۆزىنىڭ مۇشۇ گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقى بىلەن يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ئەمەل قىلغاننىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (63)
تېخىمۇ كۆپ