عن مسروق، قال: دخَلْنَا على عبد الله بن مسعود رضي الله عنه فقال: يا أيها الناس، من عَلِم شيئا فَلْيَقُلْ به، ومن لم يَعْلَم، فَلْيَقُلْ: الله أعلم، فإن من العلم أن يقول لما لا يَعْلَم: الله أعلم. قال الله تعالى لنبيه صلى الله عليه وسلم : (قل ما أسألكم عليه من أجر وما أنا من المتكلفين).
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

مەسرۇقنىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ يېنىغا كىردۇق، ئۇ: ئى كىشىلەر! كىم بىر نەرسىنى بىلسە شۇنى دېسۇن، بىلمىگەن كىشى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېسۇن، بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېگەنلىكى ئۇنىڭ بىلگەنلىكىدۇر، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە: «ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىفتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن» دېدى. ساد سۈرىسى 86-ئايەت
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئۆزى بىلىدىغان بىر نەرسىدىن سورالسا ئۇنى يوشۇرماستىن كىشىلەرگە بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك، ئەمما بىلمەيدىغان نەرسىدىن سورالسا، قىينالماي، "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېسۇن. بىلمىگەن نەرسىنى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېيىش ئۇنىڭ بىلگەنلىكىدۇر، چۈنكى بىلمەيدىغان نەرسىنى "بىلمەيمەن" دېگۈچى ھەقىقەتتە بىلگۈچىدۇر، ئۇ ئۆزىنى بىلگەن ۋە ئورنىنى بىلگەن، ئۆزىنىڭ ئۇ نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دەيدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە ھەدىسنىڭ تېكىستى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ بىلىدۇ" دېگەنلىكى بەكرەك بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېيىلگەن، يەنى: ئۇ كىشىنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ بىلىدۇ" دېيىشى ئۇ كىشىنىڭ ئىلمىنىڭ مۇكەممەل ۋە مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزگە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى: «ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن» ساد سۈرىسى 86-ئايەت»، يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى يەتكۈزگەنلىكىمگە سىلەردىن ھېچ ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن، مەن پەقەت سىلەرنى ياخشىلىققا يىتەكلەيمەن ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە چاقىرىمەن، مەن ئىلىمسىز سۆز قىلىپ سىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغۇچى ئەمەسمەن. سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىنسان ئۈچۈن ئۆز دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرگە پەتىۋا بېرىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارغا پەتىۋا بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان يول باشچى قىلماقچى بولسا ئۇ كىشى چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇنى مەقسەت قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ پەتىۋا بېرىشكە جۈرئەت قېلىشى ھېچ نېمىنى پايدا بەرمەيدۇ، بۇ ئىش ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بالا بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ