عن أنس رضي الله عنه قال:
كُنَّا عِنْدَ عُمَرَ فَقَالَ: «نُهِينَا عَنِ التَّكَلُّفِ».

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 7293]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىز ئىبنى ئۆمەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق ئۇ كىشى:« بىز ئارتۇقچە تەكەللۇپتىن چەكلەندۇق» دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 7293]

شەرھىسى

ئبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھاجەت بولمىغان ئەھۋالدا سۆزدە بولسۇن ياكى ئەمەلى ھەرىكەتتە بولسۇن ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. چەكلەنگەن تەكەللۇپ دېگەن: ئورۇنسىز سوئالنى كۆپ سوراش ياكى بىلمىگەن نەرسىنى زورىغا بىلگەندەك كۆرسىتىش ياكى ئاللاھ تائالا كەڭىرچىلىك قىلىپ بەرگەن ئىشتا قاتتىق قوللۇق قىلىۋېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
  2. مۇسۇلمان ئۆزىنى كەڭ قورساق بولۇش، سۆز-ھەرىكەتتە، يېمەك-ئېچمەكتە ۋە باشقا ئەھۋاللاردا ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلماسلىققا ئادەتلەندۈرىشى كېرەك.
  3. ئىسلام ئاسانلىق دىنىدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (62)
تېخىمۇ كۆپ