عن عَبْدُ الله بن عمر رضي الله عنهما أن عمر قال -على منبر رسول الله- صلى الله عليه وسلم : "أما بعد، أيها الناس، إنه نزل تحريم الخمر وهي من خمسة: مِنَ العنب، والتمر، والعسل، والحنطة، والشعير. والخمر: مَا خَامَرَ العَقْلَ. ثَلاثٌ وَدِدْتُ أَنَّ رَسُولَ الله صلى الله عليه وسلم كَانَ عَهِدَ إلَيْنَا فِيهَا عَهْداً نَنْتَهِي إلَيْهِ: الجَدُّ، والكَلالَةُ، وأَبْوَابٌ مِنَ الرِّبَا".
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆمەر رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنبىرى ئۈستىدە تۇرۇپ: ئى خالايىق مەقسەتكە كەلسەك، ھاراقنىڭ ھاراملىقى تۇغرىسىدا ئايەت نازىل بولغان، ئۇ: ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغداي، ئارپا قاتارلىق بەش نەرسىدىن ياسىلىدۇ. ھاراق ئەقىلنى پەردىلەيدىغان نەرسىدۇر. ئۈچ نەرسىدە رەسۇلۇللاھنىڭ بىزگە ۋەسىيەت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم: چوڭ دادىنىڭ مىراسى، پەرزەنتى ياكى ئاتا-ئانىسى يوق كىشىنىڭ مىراسى، جازانىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىدە ۋە مۇنبىرىدە خۇتبە سۆزلەپ تۆۋەندىكىلەرنى قارار قىلغان. ئەقىلنى ياپقان ۋە توسقان ھەرقانداق نەرسە ھاراقتۇر، ھاراق بولۇش ئۈچۈن ئۈزۈمدىن ياسىلىشى شەرت ئەمەس، مەس قىلىدىغان ئىچىملىكنىڭ ھەر قاندىغى ھارامدۇر، مەيلى ئۇ خورمىدىن ياكى ھەسەل، بۇغدايدىن ياسالغان بولسۇن، ھەممىسى ھاراق. ئۆمەر بۇ خۇتبىدە يەنە مۇنداق دېگەن: چۈشىنىش قېيىن بولغان ئۈچ مەسىلە بار، كاشكى رەسۇلۇللاھ بىزگە ھۆكمىنى دەپ بەرگەن بولسا، ئۈممەت شۇنىڭ بىلەن توختىغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئۇلار: چوڭ دادىنىڭ مىراسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتى يوق كىشىنىڭ مىراسى، جازانىغا ئالاقىدار بەزى ئەھكاملار، بۇنداق دېگەنلىك رەسۇلۇللاھ بۇ ئەھكاملارنى بايان قىلمىدى دېمەكچى ئەمەس، رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلدى، بۇرچىنى تولۇق يەتكۈزدى، بۇنىڭدىنمۇ نازۇك ئىنچىكە مەسىلىلەرنى بايان قىلغان، لېكىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا كىشىلەر تالاش-تارتىش قىلمىغۇدەك رەسۇلۇللاھتىن ئېنىق بىر ھۆكۈمنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ