عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم نهى عنِ النَّفْخ في الشّراب، فقال رجل: القَذَاة أَرَاهَا في الإناء؟ فقال: «أَهْرِقْهَا». قال: إِنِّي لا أَرْوى من نَفَس واحد؟ قال: «فَأَبِنِ القدح إذًا عن فِيك».
[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد ومالك والدارمي]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن چەكلىدى. بىر كىشى: ئەگەر قاچىدا توپىدەك بىر نەرسە كۆرۈپ قالسامچۇ؟ دىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى تۆكۈۋەتكىن، دىدى. ئۇ: مەن بىر تىنىپ ئىچىش بىلەن قانمايمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا قاچىنى ئاغزىڭدىن يىراق قىلغىن، دىدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن چەكلىۋىدى، بىر كىشى ئۇنىڭدىن: ئى رەسۇلۇللاھ توپىغا ئوخشاش بىر نەرسىلەر ئىچىملىككە چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئىنسان سۇنى پۈۋلەپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداق نەرسە چۈشۈپ قالغان سۇنى تۆكۈۋەتكىن، ئەمما ئۇنىڭغا پۈۋلىمىگىن، دېدى. ئاندىن ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر تىنىپ ئىچىش بىلەن قانمايدىغانلىقىنى دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قاچىنى ئاغزىدىن يىراق قىلىپ، نەپەس ئېلىپ ئاندىن قايتا ئىچىشكە بۇيرىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ