عن أبي بَرْزَةَ نَضْلَةَ بن عبيد الأَسلمي رضي الله عنه قال: بينما جاريةٌ على ناقة عليها بعض مَتَاعِ القوم، إذ بَصُرَتْ بالنبي صلى الله عليه وسلم وتَضَايَقَ بهم الجبل فقالت: حَلْ، اللهم الْعَنْهَا، فقال النبي صلى الله عليه وسلم : «لا تُصَاحِبْنَا ناقةٌ عليها لَعْنَةٌ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئەبۇ بەرزەتە نەزلە ئىبنى ئۇبەيدىل ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر سەپەردە بىر قىز كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرى بار بىر تۆگىنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى، بىر چاغدا ئۇ قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆردى ۋە ئۇلار تاغ يولدا قاپسىلىپ قىلىشتى، ئۇ قىز: ھەل! ئى ئاللاھ! بۇ تۆگىگە لەنەت قىلغىن، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لەنەت ئېيتىلغان تۆگە بىزگە ھەمراھ بولمىسۇن» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
يىشى كىچىك بىر قىز كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرى بار بىر تۆگىنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار جامائەت تاغ يولىدا قاپسىلىپ قالغاندا ئۇ قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ، تۆگىنى تىز ماڭدۇرماقچى بولۇپ: ھەل! - تۆگىنى توختىتىش سۆزى- دەپ، ئاندىن تۆگىگە لەنەت ئېيىتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لەنەت ئېيتىلغان تۆگە بىزگە ھەمراھ بولمىسۇن» دېدى