عن أبي هريرة، قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إذا ضَرَبَ أَحَدُكُمْ أخاه فَلْيَجْتَنِب الوجْهَ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنى ئۇرسا، يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر كىشىنى ئەدەپلىمەكچى ياكى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازا ئىجرا قىلماقچى ياكى باشقا ئىشلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن، گەرچە ئاللاھنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، يۈزىگە ئۇرۇشتىن مۇمكىن قەدەر يىراق بولسۇن، ئادەم يۈزى ئىززەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك ئەزا ھېسابلىنىدۇ، يۈزى بىلەن بىۋاستە كىشىلەرگە يۈزلىنىدۇ، يۈزىگە ئۇرغان ۋاقىتتا يۈزىدىن بىرەر ئەزا زەخمىلنىش ياكى باشقا ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش كېرەك، ھەقلىق رەۋىشتە ئۇرسۇن ياكى يولسىزلارچە ئۇرسۇن ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈزىگە ئۇرۇش چەكلىنىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ