عَنْ سَلَمَةَ بْنِ الْأَكْوَعِ رضي الله عنه:
أَنَّ رَجُلًا أَكَلَ عِنْدَ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بِشِمَالِهِ، فَقَالَ: «كُلْ بِيَمِينِكَ»، قَالَ: لَا أَسْتَطِيعُ، قَالَ: «لَا اسْتَطَعْتَ»، مَا مَنَعَهُ إِلَّا الْكِبْرُ، قَالَ: فَمَا رَفَعَهَا إِلَى فِيهِ.

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

سەلەمەتە بىن ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن» دېدى، ئۇ كىشى: قادىر بولالمايمەن ياكى يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«قادىر بولالمامسەن-يېيەلمەمسەن؟»دېدى، ئۇ كىشىنى تەكەببۇرلۇق ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن چەكلەپ قويدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن يېمەك يىيەلمىدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ سول قولى بىلەن بىر نەرسە يېگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى ئوڭ قولى بىلەن يېيىشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، يالغان ئېيتىپ: قادىر بولالمايمەن-يېيەلمەيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن يېيىشتىن مەھرۇم قىلىنىشىغا دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇ كىشى شۇنىڭدىن كېيىن ئوڭ قولى بىلەن ھېچ نەرسە يېيەلمىدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئوڭ قولى بىلەن يېيىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى، سول قولى بىلەن يېيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.
  2. شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن چوڭچىللىق قىلغان، تەكەببۇرلۇق قىلغان كىشى جازاغا لايىق بولىدۇ.
  3. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىش بىلەن ئىكرام قىلدى.
  4. بۇ ھەدىستە ھەر قانداق ھالەتتە ھەتتا يېمەك-ئىچمەك ۋاقتىدىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ