1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ئەقىدە ئىلمى

ھەدىس كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«مَنْ دَعَا إِلَى هُدًى كَانَ لَهُ مِنَ الْأَجْرِ مِثْلُ أُجُورِ مَنْ تَبِعَهُ، لَا يَنْقُصُ ذَلِكَ مِنْ أُجُورِهِمْ شَيْئًا، وَمَنْ دَعَا إِلَى ضَلَالَةٍ كَانَ عَلَيْهِ مِنَ الْإِثْمِ مِثْلُ آثَامِ مَنْ تَبِعَهُ، لَا يَنْقُصُ ذَلِكَ مِنْ آثَامِهِمْ شَيْئًا».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ».

تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى سەھى مۇسلىم - 2674

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى سۆزى ۋە ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن توغرا يولغا باشلىغان، ھەق يولغا قىزىقتۇرغان ۋە ياخشىلىققا يېتەكلىگەن كىشىگە، توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىمكى كىشىلەرنى سۆزى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق باتىلغا، يامانلىققا، گۇناھ-مەسىيەتكە، خاتالىققا ياكى ھالال بولمىغان ئىشلارغا باشلاپ قويىدىكەن، ئۇ كىشىگە يامانلىققا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. توغرا يولغا دەۋەت قىلىش ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بۇ ياخشى ئىش، دەۋەتچى ئۈچۈن دەۋەتكە ئەگىشىپ ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، سېخىلىقىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كاتتىلىقىدۇر.
  2. ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلىشنىڭ خەتىرى، ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلغۇچىغا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەمەل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا ئوخشاش گۇناھ يېزىلىدۇ.
  3. جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىگە كۆرە بولىدۇ، ياخشىلىققا چاقىرغان كىشىگە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ، يامانلىققا چاقىرغان كىشىگە يامانلىقنى قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ.
  4. مۇسۇلمان كىشى ئىنسانلارغا كۆرسۈتۈپ گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ قىلىشىدىن بەك ھەزەر قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى باشقىلارنى خاتالىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمىسىمۇ، ئۆزى خاتالىقنى ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

57 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية