عن حُذَيْفَةَ بْنِ الْيَمَانِ رضي الله عنهما مرفوعاً: «لا تلْبَسُوا الحرير ولا الديباج، ولا تشربوا في آنية الذهب والفضة ولا تأكلوا في صِحَافِهِمَا؛ فإنَّهَا لهم في الدنيا ولكم في الآخرة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ھۇزەيپە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەر ھەرخىل يىپەك كىيىمنى كىيمەڭلار، ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا سۇ ئىچمەڭلار، ئۇ ئىككىسىدىن بولغان تەخسىدە تاماق يىمەڭلار! ئۇ نەرسىلەر دۇنيادا كاپىرلارغا ئاخرەتتە سىلەرگە مەنسۇپتۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەركەكلەرنىڭ ھەر خىل يىپەك كىيىملەرنى كىيىشىدىن چەكلىدى. ئەر كىشىگە نىسبەتەن بۇنى چەكلەشتە، بىر خىل سۇيۇقلۇق ۋە ئايال كىشىنى دوراش، شۇنداقلا يۇمران ۋە ئىسراپخور ئاياللارغا ئوخشاپ قېلىش بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىگەن ئىدى. ئەر كىشى بىرئاز قاتتىق - قۇرۇق، كۈچلۈك ۋە جۇشقۇن بولىشى لازىمدۇر. يەنە شۇنىڭدەك ئەر - ئايال ئىككىسىنى ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا - قۇچىلاردا يەپ - ئىچىشتىن چەكلىدى. بۇنىڭدىكى ھېكمەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك: ئۇ ئىككىسىدە تاماق يېيىش، بۇ دۇنيادا ئۆز لەززىتىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلانغان كاپىرلارغا مەنسۇپ ئىدى. ئى مۇسۇلمانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىدىكى نېمەتلەردىن تاما قىلىپ، ئۇ نەرسىلەرنى تاشلىغان بولساڭلار، ئاخىرەتتە ئۇ نەرسىلەر سىلەرگە مەخسۇس بولىدۇ. كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن چەكلەش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇش ئۈچۈن ھارام قىلىندى. يەنە كېلىپ بۇ دۇنيادا ئەرلەردىن يىپەك كىيىم كىيگەنلەر ئۆزىنىڭ راھىتى ئۈچۈن ئالدىرىغان كىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئاخىرەتتە ھەرگىزمۇ كىيمەيدۇ. قانداق بىر ئادەم بىر ئىشنى ۋاقتى كېلىشتىن ئىلگىرى ھارام يول بىلەن قىلىشقا ئالدىرىسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم قېلىش بىلەن جازالىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بەك قاتتىق جازالىغۇچىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ