عن عمر بن الخطاب رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم -: «لا تَلْبَسُوا الحَرِير؛ فَإِنَّهُ مَنْ لَبِسَهُ في الدنيا لم يَلبَسه في الآخرة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يىپەك كىيىم كىيمەڭلار! ئۇنى دۇنيادا كىيگەن ئادەمنىڭ ئاخىرەتتە كىيمەيدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ئەرلەرنى يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى ۋە ئۇنى كىيگەننىڭ جازاسى: ئۇ كىشى ئاخىرەتتە يىپەك كىيەلمەيدۇ. چۈنكى جازا قىلغان جىنايەتنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ