عن عبد الله بنِ عمر رضي الله عنهما أن عمرَ بْن الخطاب رضي الله عنه قال: ((يا رسول الله، أّيَرقُدُ أَحَدُنا وهو جُنُب؟ قال: نعم، إِذَا تَوَضَّأ أَحَدُكُم فَليَرقُد)).
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالساق بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر بىزنىڭ بىرىمىز كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جۇنۇپ بولۇپ قالسا، مەسىلەن: ئايالى بىلەن بىريەردە بولسا، گەرچە سپېرما كەلمىسىمۇ ياكى ئېھتىلام بولۇپ قالسا، ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۇ ئىشتا رۇخسەت بەردى، ئەمما بىر شەرت: بۇ چوڭ تاھارەتسىزلىكنى كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن يەڭگىللىتىش كېرەك. شۇ چاغدا ئاشۇنداق جۇنۇپلۇق بىلەن تۇرۇقلۇق ئۇخلىسا ھېچقىسى يوق

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ