عن أبي هريرة رضي الله عنه : «نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم أن يبيع حاضرٌ لباد، ولا تناجشوا. ولا يبَعِ ِالرجل على بيع أخيه، ولا يخطب على خطبته ، ولا تسأل المرأة طلاق أختها لتِكْفَأَ ما في صَحفَتِهَا».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ئىشلاردىن چەكلىگەن: سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىنى، مال ئالمايدىغان تۇرۇپ قەستەن مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇشى، بىر ئادەمنىڭ قىلغان سودىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا سېتىش ياكى ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشى، بىرسىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئېغىز ئىچىشى قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىدى. ئايال كىشى نەپەقەدە يەككە بولۇش ئۈچۈن ئىرىدىن ئۇنىڭ يەنە بىر ئايالىنى تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى توغرا ئەمەس
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئىسلام شەرىئىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە سەۋەبچى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىشقا ھېرىسمەندۇر. بۇ تۆۋەندىكى دەلىلدە ناھايىتى روشەن بايان قىلىنىدۇ: مالنى ئالمايدىغان تۇرۇپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق ساتقۇچىغا پايدا يەتكۈزۈش ياكى مالنى قىممەت قىلىۋېتىش ئارقىلىق سېتىۋالغۇچىغا زىيان سېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنىڭدا يالغانچىلىق، خېرىدارنى ئالداش، ھىلە-مىكىر قىلىش ئارقىلىق مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بارلىققا كىلىدۇ. سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىك ئارىچىنىڭ سېتىپ بېرىشىنى چەكلىدى. چۈنكى شەھەرلىك مال باھاسىنى تەپسىلى بىلگەچكە باشقا خىرىدارلارغا پەقەت پايدا يەتكۈزمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار! ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى ئارقىلىق رىزقىلاندۇرىدۇ، دەيدۇ. ئەگەر مالنىڭ ئىگىسى ئۆزى ساتسا خېرىدارلارغا بىرئاز پايدا چىققۇدەك كەڭچىلىك بولىدۇ. سەھرالىقنىڭ مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىنى چەكلەشتە، شەھەردە مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن بىرئاز قىينچىلىق بولىدۇ. بىر ئادەم توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزدىن يېنىشقانلىقىنى ئېنىق بىلمىگۈچە قەدەر، نىكاھلىنىش توغرىسىدا ئېغىز ئىچىش ھارامدۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۆچ-ئاداۋەتكە ۋە باشقىلارنىڭ رىزقىنى كېسىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. بىر ئايال يولدىشىدىن كۈندىشىنى تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى ياكى ئىرىنىڭ ئىككىنچى ئايالى ئۈچۈن ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ئۈچۈن پىتنە سېلىشى ھارامدۇر. چۈنكى بۇ ئىشلار چوڭ يامانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن؛ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىغا ئۆچ-ئاداۋەت سېلىش، ۋە تالاق بولغان ئايالنىڭ رىزقىنى كېسىش، كۈندۈشىنىڭ ئىرى بىلەن نىكاھلىنىشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ يولدىشىدىن ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان ئائىلە چىقىمى ۋە كىيىم-كىچەك، ئەر-ئاياللىق ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولغان ئىشلاردا يالغۇز بولۇشى ئۈچۈن ئايالنىڭ ئىرىدىن تالىقىنى تەلەپ قىلىشى ھارامدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ