عن عائشة رضي الله عنها : "أُنْزِلَتْ هذه الآية: {لا يؤاخذكم الله باللغو في أيمانكم} [البقرة: 225] في قول الرجل: لا والله وبَلَى والله".
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن بۇ ئايىتى بىر ئىنساننىڭ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدا نازىل بولغان
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن ئايىتىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: بۇ سۆزلىشىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ تىلىدا تەكرارلىنىدىغان: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەندەك قەلبىدە مەقسەت قىلماستىن، تىلدا ئېيتىلىۋاتقان «مەقسەتسىز قىلىنغان قەسەم» دەپ ئىزاھلىدى، شۇنىڭدەك بىر ئىنساننىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئىشنى ئۆزى دېگەندەك بولدى دەپ ئويلاپ قەسەم قىلىپ، كېيىن ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان قەسەممۇ «مەقسەدسىز قىلىنغان قەسەم» قاتارىدىندۇر. يەنە، ئۆزىنىڭ راس دەپ قەسەم قىلغاندىن كىيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئىنىقلانسا، بۇمۇ چېگىلمەيدىغان ۋە كاپارەت كەتمەيدىغان قەسەم بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئايەتتە: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن، يەنى: سىلەردىن قەسەم قىلغۇچى مەقسەتسىز قىلغان قەسىمى ئۈچۈن جازالانمايدۇ ۋە كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ. بىر ئىشنى راست دەپ قەسەم قىلغان بولسا ئۇ ئىش راست بولمىسا بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر، خۇددى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۆزىگە بويسۇنىدۇ دەپ قەسەم قىلسا، ئۇ ئادەم قەسەم قىلغۇچىغا بويسۇنمىغانغا ئوخشاش، ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەڭ چۈشىنىدىغىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىزاھاتىدۇر، چۈنكى ئۇ ئايەت نازىل بولغاندا بار ۋە ئەرەب تىلىنى چۈشىنىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ