عن أبي هريرة رضي الله عنه قال:
لَعَنَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الرَّاشِيَ وَالْمُرْتَشِيَ فِي الْحُكْمِ.

[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد] - [سنن الترمذي: 1336]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۆكۈم ياكى سوت ئىشلىرىدا پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [رواه الترمذي وأحمد] - [سۈنەن تىرمىزى - 1336]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پارا بەرگۈچى، پارا ئالغۇچى ۋە ۋاستە بولغۇچى قاتارلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولىشى ۋە قوغلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
شۇنىڭدەك، قازى ۋە سوتچىنىڭ چېقىرىدىغان ھۆكۈمدە ئادالەتسىزلىك قىلىپ پارا بەرگۈچىنى ھەقسىز بولسىمۇ مەقسىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالغان نەرسىمۇ پارا ھېسابلىنىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پارا بېرىش ۋە پارا ئېلىش، ئارىدا ۋاستىچىلىق قىلىش، بۇنىڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا باتىلغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
  2. پاراخورلۇق چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پارا بەرگۈچى ۋە ئالغۇچىغا لەنەت قىلغان.
  3. سوت، ھۆكۈم ئىشلىرىدا پاراخورلۇق قىلىشنىڭ جىنايىتى بۈيۈكتۇر، گۇناھى ئېغىر بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا زۇلۇم قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ غەيرىدە ھۆكۈم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقتۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (59)