عن أبي هريرة رضي الله عنه عن رسول الله صلى الله عليه وسلم : أنَّه ذكر رجلًا من بني إسرائيل، سأل بعضَ بني إسرائيل أن يُسْلِفَه ألفَ دينار، فقال: ائْتِنِي بالشهداء أُشْهِدُهم، فقال: كفى بالله شهيدًا، قال: فَأْتِنِي بالكَفِيل، قال: كَفَى بالله كفيلًا، قال: صَدَقتَ، فَدَفَعَها إِليه إلى أجل مُسَمَّى، فخرج في البحر فقَضَى حَاجَتَه، ثُمَّ التَمَسَ مركَبًا يَرْكَبُها يَقْدَم عليه لِلأَجَل الذي أجَّله، فلم يجِد مركَبًا، فأَخَذَ خَشَبَة فَنَقَرَها، فَأَدْخَل فِيهَا أَلفَ دِينَار وصَحِيفَة مِنْه إلى صاحبه، ثم زَجَّجَ مَوضِعَها، ثمَّ أَتَى بِهَا إِلَى البحر، فقال: اللَّهُمَّ إنَّك تعلم أنِّي كنتُ تَسَلَّفتُ فلانًا ألف دِينَار، فَسَأَلَنِي كفيلًا، فقلتُ: كفى بالله كفيلًا، فَرَضِيَ بك، وسأَلَنِي شهيدًا، فقلتُ: كفى بالله شهيدًا، فرضِي بك، وأنِّي جَهَدتُ أنْ أَجِدَ مَركَبا أَبعث إليه الذي لَه فَلَم أَقدِر، وإنِّي أسْتَوْدِعُكَها. فرمى بها في البحر حتَّى وَلَجِت فيه، ثم انْصَرف وهو في ذلك يلتمس مركبا يخرج إلى بلده، فخرج الرجل الذي كان أسلفه، ينظُر لعلَّ مَركَبًا قد جاء بماله، فَإِذا بِالخَشَبَة التي فيها المال، فأَخَذَها لِأهله حَطَبًا، فلمَّا نَشَرَها وجَد المالَ والصحِيفة، ثمَّ قدِم الذي كان أسلفه، فأتى بالألف دينار، فقال: والله ما زلتُ جاهدًا في طلب مركب لآتيك بمالك، فما وجدتُ مركبا قبل الذي أتيتُ فيه، قال: هل كنتَ بعثتَ إليَّ بشيء؟ قال: أُخبِرك أنِّي لم أجِد مركبا قبل الذي جئتُ فيه، قال: فإنَّ الله قد أدَّى عنك الذي بعثتَ في الخشبة، فانصرِف بالألف الدينار راشدًا».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرىز سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا گۇۋاھچى ئېلىپ كەلگىن دېگەندە ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر، دېدى. ئۇنداقتا كىپىل ئېلىپ كەلگىن دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللا تائالا كىپىللىككە يىتەرلىكتۇر، دېدى، قەرىز بەرگۈچى راس سۆزلىدىڭ دېگىنىچە ئۇنىڭغا مىڭ تىللانى مەلۇم مۇددەتتە قايتۇرۇش ئۈچۈن قەرىزگە بەردى. قەرىز ئالغۇچى ئۇ پۇللارنى ئېلىپ دېڭىزدا سەپەرگە چىقتى ۋە ئىشلىرىنى تۈگەتتى. قەرىزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە ئۇ كىشى يولغا چىقىپ دېڭىز بويىغا كەلدى، ئۇ دېڭىزدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كىمە تاپالماي بىر تال تاياقنى ئېلىپ تەشتى دە ئۇنىڭ ئىچىگە مىڭ تىللا پۇلنى ۋە قەرىز ئىگىسىگە قارىتىپ بىر پارچە مەكتۈبنى يېزىپ ئۇنىڭغا سالدى، دېڭىز يېنىغا كىلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ سىلى مېنىڭ ھالىمنى ياخشى بىلىلا، مەن بىر كىشىدىن مىڭ تىللا قەرىز سورسام كىپىل تەلەپ قىلغان ئېدى، مەن: ئاللاھ ياخشى كىپىلدۇر، دېگىنىمدە ئۇ رازى بولغان. ئۇ مەندىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغان ئىدى، مەن: گۇۋاھلىققا ئاللاھ يىتەرلىكتۇر دېسەم، ئۇ رازى بولغان ئېدى، مەن ئۇنىڭ ھەققىنى بىرىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساممۇ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىمكانىيىتىم بولمىدى، قەرىز ئىگىسىگە بۇ پۇلنى يەتكۈزۈشنى سىلىگە تاپشۇردۇم، دېگىنىچە تىللا سېلىنغان ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى ۋە ياغاچ ئېقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىدىغانغا كىمە ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتى. قەرىز بەرگۈچىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىرەر كىمىدە ئۇ كىشىنىڭ پۇللارنى ئېلىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ قىرغاققا قاراپ يول ئالدى. قىرغاققا كەلگەندە بىر تال ياغاچنى ئۇچراتتى، ئۇ ياغاچنى ئوتۇن قىلىش مەقسىتىدە ئالغان ئىدى، ھالبۇكى ئۇ كىشى ياغاچنى ھەردىگەندە، ئۇنىڭ ئارىسىدا پۇل ۋە بىر پارچە مەكتۇپ سېلىنغانلىقىنى كۆردى. بىر مۇددەتتىن كېيىن قەرزدار 1000 تىللا پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە دېدى: مەن قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققىنىمدا مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، ئەمدىلىكتە بەسى مۈشكىلىدە بىر كىمە تېپىپ پۇلۇڭنى ئېلىپ كەلدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەن ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ دېگەندە، قەرزدار: مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى: سەن ياغاچ ئارقىلىق ئەۋەتكەن پۇلنى ئاللاھ تائالا ماڭا يەتكۈزدى، بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بىر كىشىنىڭ ۋەقەلىكىنى بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن. بىر كىشى يەنە بىرەيلەندىن 1000 تىللا قەرز سورغاندا قەرز بەرگۈچى ئۇ كىشىگە مەندىن بۇ پۇلنى ئالغانلىقىڭغا گۇۋاھچىدىن بىرىنى ئەكەلگىن، دېگەن. قەرز ئالغۇچى: گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىك ۋە كۇپايىدۇر، يەنى ساڭا ۋە ماڭا ئاللاھ تائالا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، دېگەن. قەرز بەرگۈچى ئۇنداقتا ساڭا كىپىل بولغۇچىدىن بىرنى ئەكەلگىن دېگەندە، ئاللاھ تائالا كىپىل بولۇشقا يېتەرلىكدۇر، دېگەن. يەنى ئاللاھ تائالا كىپىل بولىدۇ، دېگەندە ئۇ كىشى راست ئېيتتىڭ دېگىنىچە ئۇنىڭغا 1000 تىللانى مەلۇم مۇددەتكىچە دەپ قەرز بەردى. قەرزدار ئۇ پۇلنى ئېلىپ تىجارەت ئۈچۈن دېڭىزدا سەپەرگە چىقتى، قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە قەرزدار پۇلنى ئېلىپ قىرغاققا كەلدى، ئەمما قەرز بەرگۈچىنىڭ يۇرتىغا بارىدىغان كىمە تاپالمىدى، شۇ ئارلىقتا قىرغاقتا بىر ياغاچنى ئۇچراتتى، ياغاچنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئىچىنى ئويدى ۋە 1000 تىللا پۇلنى، بىر پارچە مەكتۈپ يېزىپ ئۇنىڭدا: پالانىدىن پالانىغا، مەن پۇلنى ۋەكىلىمگە تاپشۇردۇم، دېدى. ئاندىن ئۇنى ياغاچ ئىچىگە قويۇپ ئۇ ئورۇننى مەھكەم ئىتىۋەتتى. ئاندىن مۇنداق دەپ: ئى ئاللاھ تائالا سىلى ياخشى بىلىدىلا، مەن پالانى ئىسىملىك بىر كىشىدىن مىڭ تىللا قەرز ئالغىنىمدا ئۇ كىشى مەندىن كىپىل سورىغان ئىدى، مەن سىلىنى كىپىل قىلغىنىمدا ئۇ رازى بولغان، مەندىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغاندا، مەن سىلىنى گۇۋاھچى قىلسام ئۇ رازى بولغان، ئەمدىلىكتە مەن قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن چىققان ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ پۇلىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ كىمە تاپالمىدىم، مەن بۇ پۇلنى سىلىگە ئامانەت قويدۇم، دەپلا ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى. ئۇ ياغاچ دېڭىزدا كۆزدىن غايىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى. لېكىن يەنىلا ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولالماي، يەنە مىڭ تىللا ئېلىپ قەرز ئېگىسىگە ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن كىمە ئىزدەشكە تىرىشتى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى قىلغان ئىشنى يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە قەرز بەرگۈچىمۇ قەرزداردىن پۇلىنى تاپشۇرۋېلىش نىيىتىدە ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا قىرغاققا باردى. قەرزدارنىڭ ياكى ئۆزى ئېلىپ كىلىش ياكى بىرەر كىشىدىن ئەۋەتىشىنى كۈتۈپ قىرغاقتا ساقلىدى. بىراق كىمە كەلمىدى، شۇ ئارىلىقتا ئۇ قىرغاقتا بىر تال ياغاچنى ئۇچرۇتۇپ قالدى-دە ئۇنى ئوتۇن قىلىش ئۈچۈن ئېلىۋالدى. ئۆيگە بېرىپ ياغاچنى ھەرە بىلەن كېسىۋىدى ئۇنىڭدىن پۇل ۋە مەكتۈپنى ئۇچراتتى. بىر مۇددەتتىن كېيىن قەرزدار قايتىدىن يەنە 1000 تىللا پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە دېدى: مەن قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققىنىمدا كىمە تاپالمىغان ئىدىم، ئەمدىلىكتە بىر كىمە تېپىپ پۇلۇڭنى ئېلىپ كەلدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەن ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ، دېگەندە، قەرزدار: مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى: سەن ياغاچ ئارقىلىق ئەۋەتكەن پۇلنى ئاللاھ تائالا ماڭا يەتكۈزدى، بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ