عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «احتجَّ آدمُ وموسى، فقال له موسى: يا آدمُ أنت أبونا خَيَّبتنا وأخرجتَنا من الجنة، قال له آدمُ: يا موسى اصطفاك اللهُ بكلامِه، وخطَّ لك بيدِه، أتلومُني على أمرٍ قَدَّره اللهُ عليَّ قبل أنْ يخلُقَني بأربعين سنةً؟ فحَجَّ آدمُ موسى، فحَجَّ آدمُ موسى».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنازىرىلىشىپ قالدى، مۇسا ئادەمگە دىدىكى: ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئوڭۇشسىز قىلىپ، بىزنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ. ئۇنىڭغا ئادەم دىدىكى: ئى مۇسا! ئاللاھ تائالا سىنى ئۆزىنىڭ كالامى بىلەن تاللىدى ۋە ساڭا ئۆز قولى بىلەن ۋەھىينى يىزىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل بۇرۇن ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئىشقا ماڭا تاپا - تەنە قىلامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى مۇنازىرىدە يىڭىۋالدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام داۋلىلىشىپ قالدى، يەنى: ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنىڭ دەلىلىنى قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغا قويدى، بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپقاندىن كېيىن بولغان بولىشى ياكى چۈشىدە بولغان بولىشىمۇ مومكىن، چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشلىرى ۋەھىيدۇر. بۇنىڭدەك (غەيىپكە مۇناسىۋەتلىك) ئىشلارنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىش زۆرۈر، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. «مۇسا ئادەمگە: ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىز تۇرۇپ، ئىشىمىزنى ئوڭۇشسىز قىلىپ، بىزنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ» دېدى، يەنى: سەن جەننەتتىن چىقىرىلىشىڭغا سەۋەپ بولغان خاتالىق ئارقىلىق ئىشىمىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىغا ۋە ھەممىمىزنىڭ ئادىشىشىمىزغا سەۋەبچى بولدۇڭ، ئاندىن بىزمۇ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا دۇچ كەلدۇق. ئۇنىڭغا ئادەم دېدىكى: «ئى مۇسا! ئاللاھ سىنى ئۆزىنىڭ كالامىغا تاللىدى»، يەنى: ئاللاھ تائالا سىنى تاللاپ ئۆزىنىڭ كالامىنى ئاڭلاتتى. ئاللاھ تائالا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدىن مۇسانى تاللىغان بۇ ئىش بولسا: ئاللاھ تائالا مۇساغا ئۆزىنىڭ كالامىنى بىۋاستە ئاڭلاتقانلىقى ئىدى. «ۋە ساڭا ئۆز قولى بىلەن ۋەھىينى يېزىپ بەردى»، يەنى: ساڭا تەۋراتنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەردى. ۋە بىزمۇ بۇ ئىشقا، ئۇنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، يوققا چىقارماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ۋە باشقا ئىشقا ئوخشاتماستىن ئىشىنىشىمىز زۆرۈر. «ئاللاھ تائالا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل بۇرۇن ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئىشقا ماڭا تاپا - تەنە قىلامسەن؟»، يەنى: ماڭا ئاللاھ تائالا لەۋھىلمەھفۇزدا ۋە تەۋراتنىڭ سەھىپىلىرى ۋە تاختايلىرىدا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل ئىلگىرى پۈتۈۋەتكەن ئىشقا، قانداقمۇ تاپا - تەنە قىلىسەن؟، «شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى مۇنازىرىدە يېڭىۋالدى»، يەنى: ئۇنى دەلىل بىلەن يېڭىۋالدى. بۇ يەردە ئادەمنىڭ دەلىلىنىڭ مۇسانىڭكىدىن كۈچلۈك بولىشى: ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋە تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پات - يېقىندا جەننەتتىن چىقىپ، زېمىنغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئۇنداقتا قانداقمۇ ئاللاھنىڭ بۇ سابىق ئىلمىدىكى ئىشنى قايتۇرغىلى بولسۇن!، دېمەك ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈكلىكى ئاشكارا بولدى، چۈنكى بىرەر نەرسىگە بىرەر ئىش تەقدىر قىلىنسا، ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بەلكى ئۇ ھەممىنى بىلگۈچى ھەممىگە قادىر زاتنىڭ تەقدىرىدۇر. ئۇ يۈز بەرسە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ياكى ئۇنى مەخلۇقنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈۋېتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىشتىن باشقا يول يوق. شۇنداقتىمۇ، تەقدىر دېگەن: تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارغا ھۆججەت (باھانە) بولالمايدۇ، چۈنكى ئىنسان تائەت - ئىبادەت قىلىشقا ۋە گۇناھ - مەسىيەتتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. يەنە كېلىپ ئۇ ئۆزىگە نېمە تەقدىر قىلىنغانلىقىنى شۇ ئىش يۈز بەرمىگۈچە بىلمەيدۇ، ئەگەر ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەرسە ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرالمىسا، شۇ چاغدا تەقدىرنى قوبۇل قىلىپ: «ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلىپ، ئۆزى خالىغاننى قىلدى» دەيدۇ، گۇناھ سادىر بولغان بولسا، مەغپىرەت تىلەيدۇ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋبە قىلىدۇ. دېمەك، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەلەيھىسسالامنى «ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ مۇسىبەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان» دەپ مالامەت قىلاي دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام: بۇ دېگەن تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىش، ئۇ يۈز بەرمەي ئامال يوق، بۇنداق ئىشلاردا بەندىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان مۇسىبەتلەر بولسۇن، ياكى باشقا ئىشلار بولسۇن ئوخشاش، بۇنداق ئەھۋالدا بەندىنىڭ ۋەزىپىسى: «سەبىر قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش» دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دەلىلدە كۈچلۈك كەلدى. بۇنى باھانە قىلىپ جىنايەتچىنى ئەيىپلەش ۋە ئۇنى جازالاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ