عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «من أدرك ماله بعينه عند رجل -أو إنسان- قد أفلس؛ فهو أحق به من غيره».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئۆزىنىڭ مېلىنىڭ ئوخشىشىنى زېيان تارتقان (ئىپلاس بولغان) كېشىنىڭ يېنىدىن تاپقان بولسا، ئۇ كىشى ئۇ مالغا ئېگە بولۇشقا باشقىلاردىن بەكراق ھەقلىقتۇر»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

كىمكى بىر ئادەمگە مال ساتقان ياكى ئامانەت قويغان ياكى قەرز بەرگەن بولسا، مالنى سېتىۋالغۇچى ياكى قەرز ئالغۇچى زېيان تارتىپ (ئىپلاس بولغان بولسا) يېنىدا قالغان مال قەرزگە يەتمىسە، مال ساتقۇچى ياكى قەرز بەرگۈچى ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ مېلىنى تاپسا ئۇ مالنى قايتۇرىۋالىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ مېلىنى قايتۇرىۋىلىشقا باشقىلاردىن بەكراق ھەقلىقتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش