عن عبيد الله بن محصن الأنصاري الخطمي رضي الله عنه مرفوعاً: «مَنْ أصْبَحَ مِنْكُمْ آمِنًا في سربِهِ، مُعَافَىً في جَسَدِهِ، عِنْدَهُ قُوتُ يَوْمِهِ، فَكَأنَّمَا حِيزَتْ لَهُ الدُّنْيَا بِحَذَافِيرِهَا».
[حسن] - [رواه الترمذي وابن ماجه]
المزيــد ...

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مېھسەن ئەنسارى خەتمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «سىلەردىن كىمكى ھاياتلىقتا خاتىرجەم، تېنى ساغلام ۋە شۇ كۈنلۈك ئوزۇقلىقى يېتەرلىك ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، خۇددى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغاندەك بولىدۇ»
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ۋە قەۋمىدە ھاياتلىقتا خاتىرجەم، تېنى ساغلام ۋە شۇ كۈنلۈك ئوزۇقلىقى يېتەرلىك ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، خۇددى دۇنيانىڭ پۈتۈن ياخشىلىقلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغاندەك بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ