عن عمرو بن شعيب، عن أبيه، عن جده قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «لا نَذْرَ لابن آدم فيما لا يملك، ولا عِتْقَ له فيما لا يملك، ولا طلاق له فيما لا يمْلِك».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئەمىر ئىبنى شۇئەيب دادىسىدىن، دادىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى نەزىر قىلىش، ئازات قىلىش ۋە تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدە قىلغان ئىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ۋە ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، «ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولمىغان نەرسىنى ئىشلىتىش توغرا ئەمەس» دېيىلگەن ئىشلار قاتارىغا نەزرە قىلىشمۇ كىرىدىغان بولۇپ، نەزىر قىلغۇچى نەزىر قىلغان ۋاقىتتا ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىدە قىلغان نەزىرىسى توغرا ئەمەس، ھەم ئېتىبارغا ئىلىنمايدۇ، كىيىن ئۇ نەرسىگە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ قىلغان نەزىرىسىگە ۋاپا قىلىش كېرەك ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭغا كاپارەت بەرمىسىمۇ بولىدۇ. قۇل ئازات قىلىشمۇ شۇنىڭدەك بولۇپ، ئىشنى ئۆز ئورنىدا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان قۇلنى ئازات قىلىشىمۇ توغرا ئەمەس، يەنە، ئەر كىشنىڭ خوتۇنى بولمىغان يات بىر ئايالغا قىلغان تالىقىمۇ توغرا ئەمەس، «تالاق پاچاقنى تۇتقان ئادەمگە مەنسۈپ»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئىگە بولمىغان ئايالنى تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ» دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ