+ -

عن جابر رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «ما من مسلم يَغرس غَرسا إلا كان ما أُكل منه له صدقة، وما سُرق منه له صدقة، ولا يَرْزَؤُهُ أحد إلا كان له صدقة». وفي رواية: «فلا يَغرس المسلم غَرسا فيأكلَ منه إنسان ولا دَابَة ولا طير إلا كان له صدقة إلى يوم القيامة»، وفي رواية: «لا يَغرس مسلم غرسا، ولا يزرع زرعًا، فيأكل منه إنسان ولا دَابَة ولا شيء، إلا كانت له صدقة».
[صحيح] - [متفق عليه من حديث أنس، ورواه مسلم من حديث جابر]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قانداق بىر كىشى بىر كۆچەت تىكىپ قويسا، ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە، ئۇنىڭ مېۋىسى ئوغرىلىنىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ۋە بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى قۇشلار يېسە ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە بولىدۇ» دېيىلگەن، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەگەر بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى ئۇچار-قۇشلار يېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە بولىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا ئۇنىڭ مېۋىسىنى ھايات مەخلۇقاتلار يەپلا قالسا، ئۇ كىشى تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپ بېرىلىدۇ، تىككەن كۆچەت ۋە تېرىغان زىرائەت قالغانغا قەدەر ئۇ كىشىگە ياخشىلىق يېزىلىپ تۇرىدۇ. بۇ باپتا بايان قىلىنغان ھەدىستە، زىرائەت تېرىش ۋە كۆچەت تىكىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭدا دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن مەنپەئەت ۋە كۆپ ياخشىلىق بولىدۇ، تېرىغان زىرائەت ۋە تىككەن كۆچەتتىن بىرەر جانلىق يېسە ئۇ كىشىگە سەدىقە بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى بىرەر ئوغرى كېلىپ مېۋىدىن ئوغرىلاپ كەتسە، خۇددى بىر ئادەم خورمىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئوغرىلاپ كەتسە، ئۇنىڭغا ئاشۇنىڭدىمۇ ئەجىر بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ كىشى ئوغرىنى سوتقا ئېلىپ بېرىپ جازاغا تارتتۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ ساۋابىنىمۇ قىيامەتكىچە ئۇ كىشىگە يازىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ نەرسىلەردىن چارىپايلار يېسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ، ھەدىسنى مۇسۇلمانغا خاس قىلدى، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن قىلغان سەدىقىسىنىڭ ساۋابىدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىنىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ