عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «ما من قوم يقومون من مجلس لا يذكرون الله تعالى فيه، إلا قاموا عن مثل جيفة حمار، وكان لهم حسرة».
[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر قەۋم بىرەر سورۇندىن ئاللاھنى ئەسلىمەي تۇرۇپ كەتسە، خۇددى ئېشەكنىڭ تاپىنىڭ ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھەسىرەت بولىدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەرقانداق بىر جامائەت بىرەر سورۇندا ئولتۇرسا، ئۇلار ئۇ سورۇندا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلماي تۇرۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئەڭ سېسىق ۋە پاسكىنا بولغان ئېشەكنىڭ تاپىنى زىياپەت قىلغان دەستۇرخاندا ئولتۇرغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. سورۇندىن ئاللاھنى زىكىر قىلماي ئورنىدىن تۇرغانلار خۇددى مۇشۇنداق ئېشەك تاپى قويۇلغان سورۇندىن تۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا سەل قارىغاننىڭ مىسالى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەل قاراپ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان ئىشلارغا زايە قىلىۋەتكەنلىكلىرىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۆزلىرىنىڭ سورۇنلىرىنى تائەت-ئىبادەت ۋە زىكىر-سۆھبەت سورۇنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، سېسىق ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن يىراق بولغاندەك پايدىسىز سورۇنلاردىن يىراق بولىشى كېرەك، ئىنسان ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا مەسئۇل بولىشى لازىم، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ۋاقتىدىن ھېساب بېرىدۇ، ئەگەر ياخشىلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئەگەر يامانلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسا ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ