عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : "إنَّ موسى كان رجُلا حَيِيًّا سَتِيرًا، لا يُرى من جِلْده شيء استحياء منه، فآذاه مَن آذاه مِن بني إسرائيل فقالوا: ما يَسْتَتِر هذا التَّستُّر، إلا من عيْب بجلده: إما بَرَص وإما أُدْرة، وإما آفة، وإنَّ الله أراد أن يُبرِّئه مما قالوا لموسى، فَخَلا يوما وَحْده، فَوَضَع ثيابه على الحَجَر، ثم اغتسل، فلما فَرَغ أقْبَل إلى ثيابه ليأخذها، وإن الحَجَر عدا بثوبِهِ، فأخَذَ موسى عصاه وطَلَب الحَجَر، فجعل يقول: ثوبي حَجَر، ثوبي حَجَر، حتى انتهى إلى مَلَإ من بني إسرائيل، فرأوه عُرْيانا أحسن ما خلق الله، وأَبْرَأه مما يقولون، وقام الحَجَر، فأخَذ ثوبه فلَبِسه، وطَفِق بالحجر ضربا بعصاه، فوالله إن بالحجر لنُدْبا مِنْ أَثَر ضَرْبِه، ثلاثا أو أربعا أو خمسا، فذلك قوله: {يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ آذَوْا مُوسَى فَبَرَّأَهُ اللَّهُ مِمَّا قَالُوا وَكَانَ عِنْدَ اللَّهِ وَجِيهًا}" [الأحزاب: 69].
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ھايالىق، ھايا قىلغانلىقىدىن بەدىنىنىڭ ھېچ يىرى كۆرۈنمىگۈدەك ھالدا ياپىدىغان كىشى ئىدى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلەر شۇ سەۋەپتىن ئازار بەردى»، ئۇلار: ئۇ ئاق كېسەل ياكى يەل پوداقلىق ياكى تىرىسىنىڭ بىر ئەيىپى بولغاچقىلا مۇشۇنداق يىپىنىدۇ،-دەپ سۆز تارقىتىشتى، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن پاكلاشنى ئىرادە قىلدى. بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يالغۇز كىلىپ، كىيىمىنى سىلىپ بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قويۇپ يۇيۇندى، يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىمنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندە، تاش ئۇنىڭ كىيىمى بىلەن دومىلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى ئېلىپ: «ھەي تاش! كىيىمىم، ھەي تاش! كىيىمىم» دەپ تاشنى قوغلاپ، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەتنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدى، ئۇلار ئۇنى ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يالىڭاچ كۆرۈشتى، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ سۆز چۆچىكىدىن ئاقلىدى، تاش توختىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەرھال كىيىمىنى ئېلىپ كىيىپ، تاشنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تاشتا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۇرغان ئىزىدىن ئۈچ ياكى تۆت ياكى بەش ئىز بار، ئاشۇ ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىدۇر: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى». سۈرە ئەھزاب 69-ئايەت
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بەك ھايالىق كىشى بولۇپ، ھايا قىلغانلىقتىن بەدىنىدىن بىرەر يېرىنى بىرەرسىگە كۆرسەتمەي ئوراپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىسى ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ: ئۇ ياكى تېرىسىدە ئاق كىسەل ياكى يەل پوداقلىق ياكى بىرەر ئەيىپ ياكى كېسەل بولغاچقا مۇشۇنداق ئورۇنۇپ يۈرۈيدۇ،- دەپ سۆز-چۆچەك قىلىشتى. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كىشىلەرنىڭ بۇ پىتنىسىدىن ئاقلاشنى ئىرادە قىلدى. بىر كۈنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يالغۇز كېلىپ، كىيىملىرىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە قويۇپ يۇيۇندى، يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىمنى ئېلىش ئۈچۈن تاشنىڭ يېنىقا كەلگەندە تاشنىڭ كېيىمىنى بىلەن دومىلاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى ئېلىپ، يالىڭاچ ھالەتتە تاشنىڭ كەينىدىن: ھەي تاش! كېيىمىمنى قايتۇرۇپ بەرگىن، دەپ توۋلاپ يۈگۈرۈپ، ھەتتا ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى، ئۇلار ئۇنى يالىڭاچ ھالىتىدە ئاللاھ ياراتقان ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە كۆرۈپ، ئۇنىڭدا كېسەلمۇ ۋە ئەيىپمۇ يوقلىقىنى بىلىشتى، ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىدىن پاكلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام تاشقا يىتىشىۋىلىپ، دەرھال كىيىمىنى ئېلىپ كەيدى ۋە تاشنى ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ كەتتى. تاشتا ھەقىقەتەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇشىدىن قىلىپ قالغان ئۈچ ياكى تۆت ياكى بەشچە ئېزلار بار. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن بۇ ئازار توغرىسىدا نازىل بولغان: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى»، سۈرە ئەھزاب 69-ئايەت. يەنى: سىلەر ئىسرائىل ئەۋلادلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئازار بەرگەندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئازار بېرىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىدىن پاكلىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئابرۇيلۇق ۋە مەرتىۋىلىك كىشى ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ