عن عائشة رضي الله عنها ، قالت: لما مات النبيُّ صلى الله عليه وسلم قالوا: أين يُدْفنُ؟ فقال أبو بكر: في المكان الذي مات فيه.
[صحيح] - [رواه ابن سعد, وأصله عند الترمذي]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيەرگە دەپنە قىلىنىدۇ؟ دېيىشتى، ئەبۇبەكرى: ۋاپات بولغان جايغا دەپنى قىلىنىدۇ،- دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى سەئەد"تەبەقات كۇبرا" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان ۋاقىتتا، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەپنە قىلىدىغان ئورۇن توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىپ قالغاندا، ئەبۇبەكرى سىددىق: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋاپات بولغان ئورنىغا دەپنى قىلىڭلار! دېدى. بەزى رىۋايەتلەردە: ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەيغەمبەرلەردىن ھەر بېرى ئۆزى دەپنە قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئورۇندا ۋاپات بولدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ