عن أنس رضي الله عنه قال: «آخِرُ نَظْرة نَظَرْتُها إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم كَشَف السِّتارة والناسُ صُفوف خَلْف أبي بكر رضي الله عنه ، فأراد أبو بكر أنْ يَرْتَدَّ، فأشار إليهم أَنِ امكثُوا وأَلْقى السِّجْفَ، وتُوفِّي مِن آخِرِ ذلك اليوم، وذلك يومَ الإثنين».
[صحيح] - [رواه النسائي, وأصله في مسلم]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاخىرىقى قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارىغان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەردىنى قايرىپ كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارقىسىدا سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەينىگە يېنىشقا تەمشىلىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جايىڭلاردىن قوزغالماڭلار دەپ قول ئىشارىسى قىلىپ پەردىنى چۈشۈرىۋەتتى، ئاشۇ كۈنى دۈشەنبە بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى كەچتە ۋاپات بولدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاخىرىقى قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قارىغان ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيى بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىسىدىكى پەردىنى قايرىپ كىشىلەرنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى نامازغا چىقىدىكەن دەپ ئويلاپ كەينىگە يېنىشقا تەمشىلىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئورنۇڭلاردىن قوزغالماي نامىزىڭلارنى تامام قىلىڭلار دەپ بۇيرۇق شەكىلدە قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ پەردىنى چۈشۈرىۋەتتى، بۇ دۈشەنبە كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى كەچتە ۋاپات بولدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ