1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ئەقىدە ئىلمى

ھەدىس ھەر قانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنى تۇتىدۇ، بالا شەيتاننىڭ تۇتىشىدىن قاتتىق يىغلايدۇ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ سىرتىدا

عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: سمعتُ رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «ما مِن بَني آدم مَوْلودٌ إلا يَمَسُّه الشيطانُ حِين يُولَد، فيَسْتَهِلُّ صارخا مِن مَسِّ الشيطان، غير مريم وابنها» ثم يقول أبو هريرة: {وإنِّي أُعِيذُها بك وذُرِّيَّتَها من الشَّيطان الرَّجِيمِ}.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەر قانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنى تۇتىدۇ، بالا شەيتاننىڭ تۇتىشىدىن قاتتىق يىغلايدۇ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ سىرتىدا» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەرقانداق بالا تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنىڭ بىقىنىغا نوقۇيدۇ، بالا تۇغۇلۇپلا شەيتاننىڭ ئاشۇ نوقىشىدىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىراپ يىغلايدۇ، پەقەت مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، مەريەمنىڭ ئانىسى ئۆز ۋاقتىدا: {مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن} دېگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئىككىسىنى شەيتاننىڭ نوقىشىدىن ساقلاپ قالغان، ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ نوقىشىدىن ساقلاپ قالدى. مەريەمنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەرزەنتى بولمىغان ئىدى. شەيتاننىڭ بۇ تۇتىشى ياكى نوقىشى ھەقىقى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزى مۇئتەزىلىلەر دېگەندەك ئىنساننى ئازدۇرۇش تەمەسىدە بولۇش ئەمەس، بەلكى بۇنىڭغا ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە رېئاللىقتىكى نوقۇش مەنىسىدە ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

11 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ID Indonesia الإندونيسية
FR Français الفرنسية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا