+ -

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«يَقْبِضُ اللَّهُ الأَرْضَ، وَيَطْوِي السَّمَوَاتِ بِيَمِينِهِ، ثُمَّ يَقُولُ: أَنَا المَلِكُ، أَيْنَ مُلُوكُ الأَرْضِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 4812]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 4812]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام؛ ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە زېمىننىڭ ھەممىسىنى چاڭگاللايدىغانلىقى، ئاسماننىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئوراپ ئوڭ قولى بىلەن قاتلاپ يوق قىلىۋېتىدىغانلىقى ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف ئازارىچە تەرجىمىسى ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ئەبەدى باقى قالىدىغان پادىشاھ ئېكەنلىكى، باشقىلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.
  2. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى، كاتتىلىقى، ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىگىدارچىلىقىنىڭ مۇكەممەللىكى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ