1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ئەقىدە ئىلمى

ھەدىس خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار

عَن عُمَرَ بنِ الخَطَّابِ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قال: سَمِعْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«لَا تُطْرُونِي كَمَا أَطْرَتِ النَّصَارَى ابْنَ مَرْيَمَ؛ فَإِنَّمَا أَنَا عَبْدُهُ، فَقُولُوا: عَبْدُ اللهِ وَرَسُولُهُ».

ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار».

تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى سەھى بۇخارى - 3445

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئۆزىنى ماختىغاندا ياكى سۈپەتلىگەندە، خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى ئۇچۇرغاندەك، بەك ئۈچۈرۈپ شەرئى بەلگىلىمىدىن ھالقىپ، چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ياكى ئاللاھ تائالاغا خاس بولغان سۈپەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتىن ياكى غەيىپنى بىلىدۇ ياكى دۇئادا ئاللاھ بىلەن بىرگە ھاجەت سورىلىدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىر بەندە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۆزى توغرىسىدا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى دېيىشكە بۇيرىدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئۇلۇغلاش ۋە ماختاشتا شەرئى بەلگىلىمىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرغان ئىش مۇشۇ ئۈممەتتە يۈز بەردى، بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى، يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر ئەۋلىيالار توغرىسىدا چەكتىن ئېشىپ شېرىككە چۈشۈپ قالدى.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئاللاھنىڭ قۇلى دەپ سۈپەتلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، رەببىنىڭ خۇسۇىسيەتلىرىدىن بولغان ھېچ قانداق بىر ئىشنى ئۆزىگە سەرپ قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
  4. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ سۈپەتلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە تەستىقلاش ۋە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

69 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
JA 日本語 اليابانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
FF Fulfulde الفولانية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
BG Български البلغارية
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
EL Ελληνικά اليونانية
AK Akan الأكانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
LN Lingala اللينجالا
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
BM Bambara البامبارية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
DA Dansk الدنماركية
RN Kirundi الكيروندي
KMR Kurmancî الكرمنجية
MS Bahasa Melayu الملايو