عَنْ ‌عَائِشَةَ رضي الله عنها:
أَنَّ رَجُلًا قَعَدَ بَيْنَ يَدَيِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالَ: يَا رَسُولَ اللهِ، إِنَّ لِي مَمْلُوكِينَ يَكْذِبُونَنِي وَيَخُونُونَنِي وَيَعْصُونَنِي، وَأَشْتُمُهُمْ وَأَضْرِبُهُمْ، فَكَيْفَ أَنَا مِنْهُمْ؟ قَالَ: «يُحْسَبُ مَا خَانُوكَ وَعَصَوْكَ وَكَذَّبُوكَ وَعِقَابُكَ إِيَّاهُمْ، فَإِنْ كَانَ عِقَابُكَ إِيَّاهُمْ بِقَدْرِ ذُنُوبِهِمْ كَانَ كَفَافًا، لَا لَكَ وَلَا عَلَيْكَ، وَإِنْ كَانَ عِقَابُكَ إِيَّاهُمْ دُونَ ذُنُوبِهِمْ كَانَ فَضْلًا لَكَ، وَإِنْ كَانَ عِقَابُكَ إِيَّاهُمْ فَوْقَ ذُنُوبِهِمُ اقْتُصَّ لَهُمْ مِنْكَ الْفَضْلُ»، قَالَ: فَتَنَحَّى الرَّجُلُ فَجَعَلَ يَبْكِي وَيَهْتِفُ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «أَمَا تَقْرَأُ كِتَابَ اللهِ: {وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا}، الْآيَةَ»، فَقَالَ الرَّجُلُ: وَاللهِ يَا رَسُولَ اللهِ، مَا أَجِدُ لِي وَلهُمْ شَيْئًا خَيْرًا مِنْ مُفَارَقَتِهِمْ، أُشْهِدُكَ أَنَّهُمْ أَحْرَارٌ كُلُّهُمْ.

[ضعيف] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ : ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ ئىككى قۇلۇم بار، ئۇلار ماڭا يالغان سۆزلەيدۇ، خىيانەت قىلىدۇ، ئاسىيلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تىللايمەن، ئۇرىمەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇلاردىن مېنىڭ ئەھۋالىم قانداق بولار؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خىيانىتى، ئاسىيلىقى ، يالغانچىلىقى ۋە سېنىڭ ئۇلارنى خاتالىقىنىڭ مىقدارىدا ئازابلىغانلىقىڭ سېلىشتۇرىلىدۇ، ئازاب ئۇلارنىڭ خاتالىقىغا مۇۋاپىق بولسا ساڭا مۇكاپاتمۇ ۋە جازامۇ كەلمەيدۇ، ئەگەر سېنىڭ ئۇلارنى جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن تۆۋەنرەك بولسا بۇ سەندىن بولغان ئارتۇقچىلىقتۇر، ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن يۇقىرى بولغان بولسا، سېنىڭ ئارتۇق جازالىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۈچۈن سەندىن قىساس ئېلىنىدۇ» دېدى، ئۇ كىشى بىر چەتكە ئۆتۈپ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى «وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا» بىز قىيامەت كۈنىدە ئادىل بولغان تارازىنى قويىمىز، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ دېگەن ئايىتىنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن بولغان ئەڭ ياخشى ئىش: مېنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشىم ئىكەن، سىلىنى گۇۋاھ قىلىمەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆر، ئۇلارنى ئازاد قىلىۋەتتىم دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىغا كىلىپ قۇللىرىنىڭ ئىشلىرىدىن شىكايەت قىلپ ئۇلارنىڭ سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدىغانلىقى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدىغانلىقى، مۇئامىلىلەردە ئالدامچىلىق قىلىدىغانلىقى، بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قېلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇلارنى ئەدەپلەش ئۈچۈن دەشنام قىلىپ ئۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىشلىرىغا قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى سورىدى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان خيانىتى، ئاسىيلىقى، يالغانچىلىقى بىلەن سېنىڭ ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭ ھېساپ قىلىنىدۇ، ئەگەر سېنىڭ ئۇلارنى ئەدەپلىشىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا باراۋەر بولسا، ساڭا زېيانمۇ يوق ۋە پايدىمۇ يوق، ئەگەر سېنىڭ ئۇلارنى جازالىشىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن تۆۋەنرەك بولسا، بۇ سەن ئۈچۈن پەزىلەت ۋە ئەجىرنى زىيادە قىلىدۇ، ئەگەر سەن ئۇلارنى قىلمىشىدىن زىيادە جازالىغان بولساڭ، زىيادە جازاغا ئۇچرايسەن، ئارتۇق جازانىڭ مىقدارىغا سېنىڭ ياخشىلىقىڭ ئېلىنىپ ئۇلارغا بېرىلىدۇ» دېدى، ئۇ كىشى بىر چەتكە چېقىپ ئۈن سېلىپ يىقلاشقا باشلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى‎﴿وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا، وَإِن كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا ۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَاسِبِينَ﴾‏ تەرجىمىسى: «قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز»دېگەن ئايىتىنى ئوقۇمىدىڭمۇ؟»قىيامەت كۈنىدە ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت تارازىسى بولىدۇ» دېدى. ئۇ كىشى: ھېساب بىلەن ئازاب ۋە ئازابتىن قورقۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن بولغان ئەڭ ياخشى ئىش: مېنىڭ ئۇلاردىن ئايرىلىشىم ئىكەن، سىلىنى گۇۋاھ قىلىمەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ھۆر، ئۇلارنى ئازاد قىلىۋەتتىم دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ساھابى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ قۇللىرىنى ئازاد قىلىۋېتىشتە سەمىمى بولدى.
  2. زالىمدىن قىساس ئېلىش ئەگەر زۇلۇمنىڭ مىقدارىدا بولسا ياكى زۇلۇمدىن ئازراق بولسا توغرا بولىدۇ، ئەمما زۇلۇمنىڭ مىقدارىدىن زىيادە بولسا ھارام بولىدۇ.
  3. خىزمەتچى ۋە ئاجىزلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
تېخىمۇ كۆپ