عَنْ ‌قَتَادَةَ رحمه الله قال:
حَدَّثَنَا ‌أَنَسُ بْنُ مَالِكٍ رَضِيَ اللهُ عَنْهُ أَنَّ رَجُلًا قَالَ: يَا نَبِيَّ اللهِ كَيْفَ يُحْشَرُ الْكَافِرُ عَلَى وَجْهِهِ؟ قَالَ: «أَلَيْسَ الَّذِي أَمْشَاهُ عَلَى الرِّجْلَيْنِ فِي الدُّنْيَا قَادِرًا عَلَى أَنْ يُمْشِيَهُ عَلَى وَجْهِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ؟» قَالَ قَتَادَةُ: بَلَى وَعِزَّةِ رَبِّنَا.

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6523]
المزيــد ...

قەتادا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
بىزگە ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: بىر ئادەم مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى يۈزىچە قانداق جۇغلايدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟» دېدى، قەتادە: رەببىمىزنىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەم! ئەلۋەتتە قادىر دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 6523]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قىيامەت كۈنىدە كاپىرلار يۈزىچەككە قانداق جۇغلىنىدۇ؟ دەپ سورالغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر» دېدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. كاپىرلار قىيامەت كۈنى خارلىنىپ يۈزىچەككە ماڭدۇرۇپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (65)
تېخىمۇ كۆپ