1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ئەقىدە ئىلمى

ھەدىس ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار! دەپ مەكتۇپ يوللىدى

عن بَجَالَةَ بن عَبَدة قال: كتب عمر بن الخطاب: «أن اقتُلُوا كلّ ساحر وساحرة». قال: فقتلنا ثلاث سواحر. وعن ابن عمر رضي الله عنه : «أن حفصة سَحَرَتْها جاريتها فاعتَرَفَتْ بسِحْرها، فأمرت عبد الرحمن بن زيد فقتلها». وعن أبي عثمان النهدي: «أنه كان عند الوليد رجل يلعب فذبح إنسانًا، وأبان رأسه؛ فعَجِبْنا، فأعاد رأسه، فجاء جُنْدُبٌ الْأَزْديّ فقتله».

بەجالە ئىبنى ئەبەدە:: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: «ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ مەكتۇپ يوللىدى، بىز ئۈچ سېھرىگەرنى ئۆلتۈردۇق،-دېدى. ئىبنى ئۆمەردىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: ھەفسەنى ئۇنىڭ دېدىكى سېھىرلەپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلدى، مەن ئابدۇرراھمان ئىبنى زەيدنى بۇيرۇدۇم، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: ۋەلىدنىڭ يېنىدا بىر كىشى ئويۇن قىلىپ، بىر ئادەمنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ بېشىنى تېنىدىن ئاجراتقاندىن كېيىن، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭدىن ھەيران قالغان ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا جۇندۇب ئەلئەزدى كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى

بۇ ھەدىس ھەممە ئىسنادلىرى بىلەن سەھىھ بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

سېھرىگەرلىك ئىجتىمائى ئاپەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىكى بولۇپ، چۈنكى ئۇ سەۋەبلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلىكىنى ناھەق يەۋېلىش، ئەر-ئايال ئارىسىنى ئايرىۋېتىشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى كۇپۇرلۇق بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلاردا شەيتانلارغا يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش بار. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى پاكىزە، بىخەتەر، توغرا يولدا بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىردىن-بىر چارىسىنى ئۇ سېھرىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، جەمىئيەتنى ئۇنىڭ ئاسارىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازلاشنىڭ چارىسىنى يولغا قويدى، مانا بۇ ساھابىلار قىلغان ئىش.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

11 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
FR Français الفرنسية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
KU Kurdî الكردية