عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «لا تَصْحَبُ الملائكة رُفْقَةً فيها كلب أو جَرَسٌ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە قۇڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: جامائەت سەپەرگە چىققاندا، ئۇلارنىڭ كارۋىنىدا ئىت ياكى قوڭغۇراق بولسا، رەھمەت ۋە ئىستىغپار ئېيىتىدىغان پەرىشتىلەر ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئىت نىجىستۇر، قوڭغۇراق بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر قىلغاندەك شەيتاننىڭ نەيلىرىدىندۇر. بەزى ئۆلىمالار بۇنىڭدىن ئۇلاغلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغان قوڭغۇراق مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى قوڭغۇراقنى ئۇلاقنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغاندا، ئۇنىڭدىن بىر خىل يېقىملىق جۇشقۇن، مۇزىكا ئاۋازى چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ھوزۇرلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى: «شەيتاننىڭ نېيى» دەپ ئاتىغان، ئەمما سائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاگاھلاندۇرىدىغان نەرسىلەر چەكلىمىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر ئۇلاغلارنىڭ بوينىغا ئېسىلمايدۇ، ئۇ دېگەن ۋاقىتلىق بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتقا توغرىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك رۇخسەت سوراش ئۈچۈن ئىشىكلەرگە ئورۇنلاشتۇرىلىنىدىغان قوڭغۇراقلارمۇ چەكلىمىنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلاغلارنىڭ بوينىغا ئېسىلمايدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چەكلىگەن مۇزىكىنىڭ رىتىمى ھاسىل بولمايدۇ، كەشپۇل مەشاكىل، بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسلىرىدىن،(3_ 564) نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىسى9514_ھەدىس، ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ ياخشىلار باغچىسىنىڭ شەرھىسى 6_توم 431_432_بەت. ئاگاھلاندۇرۇش: دائىمى كومېتىت پەتىۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: ئۆي، مەكتەپ ۋە باشقا ئىدارە ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان قوڭغۇراقلار خىرىستىئانلارنىڭ دۇمباقلىرىغا ئوخشاش ياكى مۇزىكىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقمىسا، ھارامنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنى ئىشلىتىش توغرا بولىدۇ، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا چەكلىنىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ