عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما أن رسول الله صلى الله عليه وسلم خطب يوم الفتح فقال: «ألا إن كل مَأْثُرَة كانت في الجاهلية من دم أو مال تُذْكَرُ وَتُدْعَى تحت قدمي، إلا ما كان من سِقَايَةِ الحاج، وسِدَانَة البيت» ثم قال: «ألا إن دِيَةَ الخطإ شِبْه العمد ما كان بالسَّوْطِ والعَصَا مِائة من الإبل: منها أربعون في بُطُونِهَا أولادُهَا».
[صحيح] - [رواه أبوداود والنسائي وابن ماجه والدارمي وأحمد]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنى پەتھى قىلغان كۈنى خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئاگاھ بولۇڭلاركى، جاھىلىيەت دەۋرىدىن قالغان ھەرقانداق قان قىساسى، داۋا قىلىنغان، دىۋىلىنغان «ئۆسۈملۈك» قەرز ۋە شەخسىيەتچىلىك قىلىش ئاياغىم ئاستىدا، پەقەت ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ئىشى، كەئبىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۇنىڭدىن سىرىت. ئاندىن يەنە رەسۇلۇللاھ: ئاگاھ بولۇڭلاركى سەھۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېرىم قەستەنلىك، ئۇ بولسىمۇ قامچا ۋە ھاسا بىلەن ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ دىيىتى يۈز تۆگە، ئۇنىڭدىن قىرىق تۆگە بوغاز بولۇشى كېرەك
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە پەتھى قىلىنغان كۈنى مۇسۇلمانلارغا شۇنى جاكارلىدى، جاھىلىيەت قالدۇقلىرىدىن پەخىرلىك، ئېسىل-پەزىلەت دەپ قارايدىغان ھەر قانداق ئىشلار ئىتىبارسىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاب بېرىلمەيدۇ. پەقەت ھاجىلارغا سۇ بىرىش ۋە ھەرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش قاتارلىق بۇ ئىككى خىزمەت شەرىئەت ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاب بەلگىلەيدىغان ئىشتۇر، دېدى. ھەرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش جاھىلىيەتتە ئابدۇددار قەبىلىسىنىڭ قولىدا ئىدى. ھاجىلارغا سۇ بىرىش بەنى ھاشىمنىڭ قولىدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى خىزمەتنى ئۆز ئىگىلىرىدە قويدى. رەسۇلۇللاھ ئاندىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى بايان قىلىپ، ئۇ بولسا ئادەتتە، ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بىلەن بىر كىشىنى ئۇرسا، قامچا ياكى ھاسا دېگەندەك، شۇ سەۋەبتىن ئۇ كىشى ئۆلۈپ قالسا، قاتىل ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئېغىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. ئۇ دىيەت بولسا يۈز تۆگە، ئۇنىڭ قىرىقى بوغاز تۆگە بولىشى شەرتتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ