عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما أنَّ رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: «عُذِّبت امرأة في هِرَّة سَجَنَتْها حتى ماتت، فدخلت فيها النار، لا هي أطعمتها ولا سَقتها، إذ حبستها، ولا هي تَركتْها تأكل مِن خَشَاشِ الأرض».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىر ئايال مۈشۈككە تاماقمۇ بەرمەي، سۇمۇ بەرمەي ياكى زېمىندىكى ھاشارەتلەردىن يېگىلىمۇ قويماي، سولاپ قويۇپ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىر ئايالنىڭ دوزاخقا كىرگەنلىكىنى «ئاللاھ بىزنى دوزاختىن يىراق قىلسۇن» سەۋەب ئۇ ئايال بىر مۇشۇكنى سولاپ قويۇپ، تاماقمۇ ياكى سۇمۇ بەرمەي ياكى ئۆزىگە سىرىتلاردىن تاماق تېپىپ يېيىشكە قويۇپ بەرمەي ئۆلگۈچە تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىنسانغا بېرىلگەن جازا بۇ بولسا، ئاياللارغا، ئۆسمۈرلەرگە، خىزمەتچى، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە مەسئۇل بولۇپ ئۇلاردىن بىگۇناھ بىر ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ ھالى نېمە بولار!

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ