+ -

عن أبي ميمونة سلمى مولى من أهل المدينة رجلُ صِدق، قال: بينما أنا جالس مع أبي هريرة، جاءته امرأة فارِسَيّة معها ابنٌ لها فادَّعَيَاه، وقد طلَّقَها زوجُها، فقالت: يا أبا هريرة، ورَطَنَت له بالفارسية، زوجي يريد أن يذهب بابني، فقال أبو هريرة: اسْتَهِما عليه ورَطَنَ لها بذلك، فجاء زوجها، فقال: مَن يُحاقُّني في ولدي، فقال أبو هريرة: اللهم إني لا أقول هذا إلا أني سمعت امرأةً جاءت إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم ، وأنا قاعد عنده، فقالت: يا رسول الله، إن زوجي يريد أن يذهب بابني، وقد سقاني من بِئر أبي عِنَبَة، وقد نفعني، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم اسْتَهِما عليه، فقال زوجها: من يُحَاقُّنِي في ولدي؟ فقال النبي صلى الله عليه وسلم : «هذا أبوك، وهذه أمك فخُذْ بيدِ أيِّهما شِئت»، فأخذ بيد أمِّه، فانطلقت به.
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

مەدىنە ئەھلىدىن بولغان، سەمىمى، بىر كىشىنىڭ ئازات گەردىسى، ئەبۇ مەيمۇنە سەلما دېگەن كېشى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:بىز ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئولتۇراتتۇق، ئۇنىڭ يېنىغا بىر پارىس ئايال كەلدى، ئۇ ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى بار ئىدى، ئېرى ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۇ بالىنى تالىشىپ قالغان ئىكەن، ئۇ ئايال: ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! دەپ پارىسچە تەلەپپۇزدا سۆز باشلىدى: ئېرىم بۇ بالامنى مەندىن ئېلىۋالىمەن دەيدۇ دېدى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىككىڭلار چەك تارتىڭلار، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن دېدى، چەكتە بالا ئايالغا چىقتى، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى كىلىپ: مەندىن بالامنى كىم تارتىۋالىدىكەن؟ دېدى. ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغاننى دەيمەن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا ئولتۇرسام بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كېلىپ: ئېرىم مەندىن بۇ بالامنى ئېلىۋالىمەن دەيدۇ، بۇ بالام ماڭا ئەبۇ ئىنەبە قۇدۇقىدىن سۇ ئەكىلىپ خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، ماڭا ياردەملىشىۋاتىدۇ دىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا چەك تارتىڭلار دىدى، ئېرى: مەندىن بالامنى كىم تارتىۋالىدۇ؟ دىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا:«بۇ سىنىڭ داداڭ، بۇ سىنىڭ ئاپاڭ، ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ قولىنى تۇتۇشنى خالىساڭ، شۇنىڭ قولىنى تۇتقىن»دىدى، بالا ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتتى، ئايال بالىنى ئېلىپ كەتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ن

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە بالىنىڭ مەنپەئەتىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنغان، ئۇ ئايال ئېرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بالىسى ئۇ ئايال بىلەن بىرگە قالغان، ئېرى ئايالىنىڭ بالىغا ھاجىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بالىنىڭ ئانىنىڭ يىنىدا تەربىيىلىنىشىنىڭ داۋاملىشىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان، شۇنىڭدەك بالىمۇ كېچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ بەلكى ئانىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى، مۇھاپىزەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايالغا ئوخشاش يەنە بىر ئايالنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىستىن خەۋەر بەرگەن، بالىنى پەرۋىش قىلىش، ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتىن بالىنى تەربىيلەش، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ، كىچىك بالا ئاق-قارىنى پەرق قىلغۇدەك بولغۇچە ئانىسىنىڭ يىنىدا بولىدۇ، ئانىسى باشقا بىرىگە ياتلىق بولمىغان ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ، بىر نەرسىنى ئايرىغىدەك، ئۆزىنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئۆزى قىلغۇدەك بولغاندا، بالىنى پەرۋىش قىلىشتا ئانا بىلەن دادىنىڭ ھەققى باراۋەر بولىدۇ، بالىغا ئۇلارنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ، قايسىسىنىڭ يىنىغا بارسا شۇ ئېلىپ كىتىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش